ئۇيغۇر شوپۇر: ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتمىغان ئەمەلدارلارنى پاش قىلىمەن

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى، كورلا، تۇرپان قاتارلىق رايونلاردا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ياردەم بۇيۇملىرى توپلاپ ئەۋەتكەن. ئەمما بۇ خالىسانە ياردەم بۇيۇملىرىنى كەنتتىكى قورچاق ئەمەلدارلار خەلقنىڭ قولىغا بەرمەي، مەھەللىلەردىكى دۇكانلارغا بېرىپ، خەلققە سېتىپ بەرگەن. 29-سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندا، ياردەم بۇيۇملىرىنى توشۇغان بىر ئۇيغۇر شوپۇر قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئىسپاتى بىلەن ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

34 سېكۇنتلۇق مەزكۇر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالى رايونلىرىدا ئاچلىقتا قىينىلىۋاتقان خەلققە ئەۋەتكەن خالىسانە ياردەملىرىنى توشۇغان مەلۇم شوپۇر يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ياردەم بويۇملىرىمىزنى خەلققە تارقاتمىغان قىلمىشلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

شوپۇرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدا: «قىسمەن كەنتنىڭ سېكرېتارى ۋە ئەمەلدارلىرى بىز توشۇغان ئۇن، گۈرۈچ، مايلاردا نېمە ھەققىڭ بار ئىدى؟ قىينىلىۋاتقان دېھقانلارنىڭ قولىغا تەگسۇن! بۇ ياردەم بۇيۇملىرىنى خەلقىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىغا ئانچە-مۇنچە دالدا بۇلارمىكىن دەپ- توشۇمىساق، نېمە دەپ- توشۇيمىز؟ بىز توشۇغان ياردەم بۇيۇملىرىنى ھازىرغىچە تارقاتماپسىلەر، نېمە ئۈچۈن تارقاتمايسىلەر؟ ئەگەر تارقاتمىساڭلار ياردەم بۇيۇملىرىنى نەگە ئاپارغان، نەگە چۈشۈرگەن، بۇيۇملارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سىنلىق ئىسپاتلار قولۇمدا بار. ھەممىنى تورغا قويۇۋېتىمەن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا قىرغىن قىلىش جىنايىتى نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان بىر ھەقىقەتكە ئايلانغان. خىتاي غۇلجا خەلقىنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشىنى چەكلىگەندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جاي-جايلىرىدىن غۇلجىغا ياردەم نامىدا ئەۋەتىلگەن ساناقسىز ئاشلىق، يېمەكلىك قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى غۇلجا خەلقىگە تارقاتمىغان. ئەكسىچە ئۇنى خىتايلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىۋەتكەنلىكى ياكى سېسىتىپ، تۆكۈپ يوقىتىۋەتكەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن سىنلار تارقالغانىدى. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1275 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2022 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق