خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېنزىن بومبىسى ئېتىش

خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېنزىن بومبىسى ئېتىش

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ «ۋەتەنسىزلىك-قەدىرسىزلىك» ناملىق كىتابىنىڭ 6-بابىدىن

 

مەن سائەت 16:00 لەر بىلەن ئەنقەرەگە كېلىپ، 16:30 لار بىلەن قىزىل ئايغا باردىم. قىزىل ئاي بولسا ئەنقەرەنىڭ مەركىزى ئىدى. مەن قىزىل ئاي مەيدانىنىڭ يول بويىدىكى ئاپتوبۇس ۋە مىنىبۇسلار ماڭىدىغان بېكەتكە كېلىپ، كىشىلەردىن سوراپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشقان مەھەللىگە بارىدىغان مىنىبۇسقا چىقتىم. كېيىن بۇ مىنىبۇستىن چۈشۈپ قېلىپ، يەنە بىر مىنىبۇس ئالمىشىپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا يۈز مېتىرچە كېلىدىغان جايدا چۈشۈپ قالدىم. مەقسىتىم بىر كۈن بۇرۇن خىتاي ئەلچىخانىسىنى ۋە ئەتراپىنى كۆزىتىپ، ئىشنى نەدىن ۋە قانداق باشلاشنى ئالدىن پىلانلىۋېلىش ئىدى.

مەن سائەت 17:30 دىن 18:30 لارغىچە بولغان بىر سائەت ئىچىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىن نورمال كىشىلەردەك بىرقانچە قېتىم ئۆتۈپ ئەلچىخانىنى كۆزەتتىم. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پۈتۈن ئەتراپى خېلىلا ئېگىز سىم تور بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئۇ سىم تورنىڭ تۆشۈكىدىن ھەتتا تۇخۇممۇ پاتمايتتى. بىنانىڭ كىرىش ئىشىكى بىنادىن 4-5 مېتىر ئەتراپىدا كارىدور شەكلىدە يول تەرەپكە چىقىرىلغان بولۇپ، ھەممە تەرىپى ئېتىكلىك ئىدى. پەنجىرىلەرنىڭ ئەينەكلىرى بولسا چېقىلمايدىغان ئەينەكلەر بولۇپ، بىز بۇرۇنقى نەچچە قېتىملىق نامايىشلاردا تاش ئېتىپ سىناپ باققانىدۇق. ئىشىكى بولسا قوش قاناتلىق ھىم يېپىلىدىغان تۆمۈر ئىشىك ئىدى. ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا، يولنىڭ قارشى تەرىپىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنى قوغدايدىغان تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ بوتكىسى بار بولۇپ، بوتكىدا پەقەت بىر ساقچى بار ئىدى. مەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىن بىرقانچە قېتىم ئۆتۈپ، ئەتراپنى ئوبدان كۆرۈۋالغاندىن كېيىن يەنە مىنىبۇس بىلەن قىزىل ئايغا قايتىپ كەلدىم ۋە يېقىن ئەتراپتىكى بىر مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتىم.

كەچلىك تاماقتىن كېيىن قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىشقا باشلىدىم. مەن خېلى ئويلانغاندىن كېيىن بىرىنچى بوتۇلكىنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 3-قەۋىتىنىڭ بالكونىغا ئېتىشنى، ئىككىنچى بوتۇلكىنى تۆمۈر ئىشىككە ئېتىشنى، ئۈچىنچى بوتۇلكىنى ئىشىك جايلاشقان جاينىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان يەرنىڭ 2-قەۋىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاينىڭ دۆلەت گېربىغا قارىتىپ ئېتىشنى قارار قىلدىم. ئەگەر ھەممە ئىش مېنىڭ پىلانىمدىكىدەك بولسا، نەتىجىسى كۈتكىنىمدەك بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مەن ئويلىنىپ بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن، تاھارەت ئېلىپ بىردەم نەپلە ناماز ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ ئولتۇردۇم.

9-ئاينىڭ 30-كۈنى (چارشەنبە) كېچىچە ئۇخلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ يەنە ئۇخلىدىم. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىمنى جەمئىي قىلىپ ئوقۇپ بولۇپ، سومكامنى ئېلىپ مېھمانخانىدىن ئايرىلدىم. قىزىل ئاي مەيدانىغا بېرىپ، مىنىبۇس بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشقان مەھەللىگە كەلدىم. بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن باققالدىن ئازراق ئۈزۈم ئېلىپ، خالىي بىر جايغا بېرىپ، ئەگەر بىرەرسى دىققەت قىلىپ قالسا ئۈزۈم يەۋاتقان قىياپەتتە ئولتۇرۇپ، سومكىدىكى بوتۇلكىلارنىڭ پىلىكىنى بېكىتىپ تەييارلىدىم. بۇ كەچ سائەت 18:30 بولغان ۋاقىت ئىدى. تۈركىيە ۋاقتى ئاز دېگەندە خىتاي ۋاقتىدىن بەش سائەت كېيىن بولۇپ، تۈركىيەدە سائەت 19:05 بولغاندا خىتايدا 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ بەش مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتقا توغرا كېلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەقسىتىم تۈركىيە ۋاقتى بىلەن 19:02 مىنۇت ئۆتكەندە خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ ماڭماقچى بولدۇم. چۈنكى مەن تۇرۇۋاتقان جاي بىلەن ئەلچىخانىنىڭ ئارىلىقى پىيادە ئۈچ-تۆت مىنۇتلۇق يول ئىدى.

شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈم مۆلچەرلىگەن 19:02 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتتا سومكىنى ئالدىمغا قىلىپ بوينۇمغا ئېسىپ، ئېغىزىنىڭ بىر تەرىپىنى ئېچىۋېتىپ، بىر قولۇمدا ئۈزۈم يېگەن ھالدا، بىغەم كېتىۋاتقان بىر ئادەمدەك قىياپەتتە خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ يولغا چىقتىم. مەن دوقمۇشتىن بۇرۇلۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئورۇنلاشقان يولغا قايرىلىپلا جىددىيلىشىپ كەتتىم. چۈنكى ئەلچىخانىنىڭ ئالدىدا ئۈچ كىشى پاراڭلىشىپ تۇرغان بولۇپ،ئون مېتىرچە نېرىراقتا بىر ئاق مىنىبۇس تۇراتتى. ساقچى بوتكىسىدىمۇ 3-4 ساقچى بولۇپ، تۈنۈگۈنكى مەنزىرىگە پەقەت ئوخشىمايتتى. چۈنكى تۈنۈگۈن ساقچى بوتكىسىدا پەقەت بىرلا ساقچى بار ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئەلچىخانا بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىم 15 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئەقلىمدىن چاقماق تېزلىكىدە «قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئال ئۆتتى. «قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن شۇنچە يولنى بېسىپ ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە نېمە ئۈچۈن كەلدىم؟ قاراپ تۇرۇپ مۇشۇنچىلىك بىر ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالماي مەغلۇبىيەتچى بولۇپ قالارمەنمۇ؟» شۇنىڭدىن كېيىن مېڭىشىمنى ئۆزگەرتمەي ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم. بۇ گۇگۇم ۋاقتى بولغاچقا، بىنالارنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى. مەن تاسادىپىي خاتالىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇدۇل مېڭىپ، پاراڭلىشىپ تۇرغان ئۈچ كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىمچە بېرىپ ئىشىك يېنىدىكى «خىتاي ئەلچىخانىسى» دېگەن تاختىنى ئېنىق كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈمنى توختاتتىم. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى پاراڭلىشىپ تۇرغان ئۈچ كىشىنىڭ دىققىتى ماڭا بۇرۇلغاندەك قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن سومكىدىن چاقماق تېزلىكىدە بىر دانە بېنزىن بومبىسىنى ئېلىپ، دەرھال ئوت يېقىپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 3-قەۋىتىنىڭ بالكونىغا ئاتتىم. بۇ جەريان شۇنچىلىك تېز بولدىكى، مەن يېنىدىن ئۆتكەندە ماڭا قارىشىپ قالغان ھېلىقى ئۈچ ئادەم قاراپ تۇرۇپ مېنى توسۇپ قېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى.

ئىككىنچى بومبىنى ئېلىپ ئوت ياقاي دېگەن شۇ پەيتتە، ئۇ ئۈچ ئادەم ئاندىن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ قوللىرىمغا ئېسىلىۋالدى. پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم، ئەمما ئۇلار ئۈچ كىشى بولغاچقا كۈچۈم يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى تۇتۇپ، ساقچى بوتكىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، قولۇمغا ئارقىچىلاپ كويزا سالدى. ئاڭغىچە ساقچىلار كېلىپ، سومكامغا قاراپ:

- ۋاي يەنە بىرسى باركەن!-دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى.

ساقچىلار ئىسمىمنى، نەدىن كەلگەنلىكىمنى سوراپ تۇرۇشىغا بىر خىتاي پەيدا بولۇپ:

-ھەي بالا، سېنى كىم ئەۋەتتى،-دېدى. ئۇ خىتاي مەندىن ئىككى مېتىرچە ئۇزاقتا بولۇپ، قارىغاندا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئەسكەر باشلىقىدەك قىلاتتى. مەن ئەگەر يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشسا تۈگۈلۈپ تۇرۇپ پوكىنىغا بىرنى تېپەي، دەپ ئويلاپ تۇرسام، تۈرك ساقچىلار نىيىتىمنى بىلىپ قالغاندەك ئۇ خىتاينى مەندىن ئۇزاقلاشتۇرۇۋەتتى. ساقچىلار كېيىن مېنى ئۇ بوتكىنىڭ يېنىدا 15-20 مىنۇتچە تۇتۇپ تۇردى.

كېيىن ئۇقسام، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ساقچىلار ئەلچىخانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ساقچىلار، تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ۋە شۇ مەھەللىنىڭ ساقچىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ساقچى ئىكەن. مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئەركىن ئەمەتنىڭ دېيىشىچە، تۈركىيە ساقچىلىرى شۇ كۈنى ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىر ئۇچۇر ئاپتۇ. ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ كىم ياكى كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە قاچان، قانداق شەكىلدە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئەركىن ئەمەتنىڭ دېيىشىچە، ساقچى باشلىقى ئەركىن ئەمەتتىن: «ماڭا سائەت 18:00 لەردە بىر ساقچى باشلىقى تېلېفون قىلدى، سىلەر تەرىپىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارشى بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن، خەۋىرىڭ بارمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئەركىن ئەمەت ئۇ ساقچى باشلىقىغا: «ئۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئەگەر بولىدىغان بولسا مېنىڭ خەۋىرىم بولاتتى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. كېيىن ئۇ ساقچى ئەركىن ئەمەتكە يەنە تېلېفون قىلىپ: «سەن ئۇنداق بىر ئىش بولمايدۇ، دېگەن ئىدىڭ، مانا بولدىغۇ؟ ھازىر بىرسى بېنزىن بومبىسى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 3-قەۋىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتىغۇ» دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەركىن ئەمەت دەرھال يېتىپ كەلسە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىغىمۇ يېقىنلاشتۇرماپتۇ.

ساقچىلار كېيىن مېنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاق مىنىبۇسقا چىقاردى. مەن بۇ مىنىبۇستا يەنە بىردەم ساقلىدىم. بۇ جەرياندا ساقچىلار مېنى تۇتقاندىن كېيىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشتى. مەن بۇ ئەھۋالنى چۈشىنەلمەي قالدىم. كېيىن ئۇقۇشۇمچە، ساقچىلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ساقلىتىشىدىكى سەۋەب، مېنى قايسى ئىدارىنىڭ ساقچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن. كېيىن مېنىڭ قىلغىنىمنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ھۆكۈم قىلىپ، تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرىغا بۇيرۇپ بېرىپتۇ. بۇلار مېنى نەق مەيداندا تۇتقان، پۇقراچە كېيىنگەن ھېلىقى ئۈچ كىشى ئىدى. ئۇلار بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مېنى ھېلىقى ئاق مىنىبۇس بىلەن ئېلىپ مېڭىشتى.

مىنىبۇس مېنى بىر ئىدارىغا ئېلىپ كېلىپ، بىردەمدىن كېيىن قولۇمدىكى كويزىنى چىقىرىۋەتتى. كېيىن چوڭ بىر ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كېلىپ، رەسىمگە تارتىپ، بويۇمنى ئۆلچەپ بارماق ئىزى ئالدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن كېچىدە يەر ئاستىدىكى تۈرمىدەك بىر يەرگە ئېلىپ كەلدى. بىر ساقچى «قورسىقىڭ ئاچمۇ؟» دېدى. مەن «ياق» دېدىم. ئۇ ساقچى بىر قۇتا سۇ بېرىپ، ھاجىتىڭ بولسا مېنى چاقىرساڭ بولىدۇ، دەپ، ئىشىكنى تاقاپ چىقىپ كەتتى.

 ئەتىگەن سائەت ئالتىلەر بىلەن قاتتىق ئۇخلاۋاتسام، تۆت-بەش ساقچى كېلىپ مېنى بىر ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ سوراق قىلدى. ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى باشتىن-ئاخىر نورمال ئىدى. مەن مېنىڭ كىملىكىم ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ئاخىرىدا:

- نېمە ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېنزىن بومبىسى ئاتتىڭ؟-دېدى. مەن:

- مەن بىر شەرقىي تۈركىستانلىق، شەرقىي تۈركىستان 60 يىلدىن بېرى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا، بىزنىڭ ھايۋانچىلىكمۇ ياشاش ھەققىمىز يوق. خىتاي دائىرىلىرى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. باش مىنىستىر رەجەپ تاييىب ئەردوغان 7-ئاينىڭ 8-،9- كۈنلىرى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا گويا قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى. بۇ قىرغىنچىلىق ھازىرغىچە توختاۋسىز داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەمما پۈتۈن دۇنيا گاس، گاچا، كور بولۇۋالدى. مەن خىتاي دائىرىلىرىنى «ئۈرۈمچىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېيىش ئۈچۈن، ھەم تۈركىيە ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىقىغا قارىتىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدىم،- دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلار مېنى ئىختىيارىمغا قويۇپ بەردى.

 

داۋامى بار...

بۇ خەۋەر 1097 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2022 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق