خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى مالايشىيا پارلامېنتىغا تونۇشتۇرۇلدى

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رەئىسى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر 3-ئۆكتەبىر مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇردى.

3-ئۆكتەبىر مالايشىيا زىيارىتىنى باشلىغان روشەن ئابباس خانىم ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر مالايشىيادىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلەپ جازا لاگېرلىرى تەسىس قىلىش ۋە غا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى زور تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىش ھەققىدىكى تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تامامەن خىتايلاشتۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتىكى ھەقىقىي مۇددىئالىرى ۋە ۋەھشىيانە ۋاسىتىلىرىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇملارغا قارشى ئاكتىپ ئىنكاس بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

مالايشىيا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى مالايشىيا خەلقىگە تونۇشتۇرغان.

روشەن ئابباس خانىم ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر شۇ كۈنى يەنە مالايشىيادىكى باشقا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1784 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2022 17:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق