پېشقەدەم پائالىيەتچى تۇرسۇن ئىسلام ۋاپات بولدى

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى پېشقەدەملەردىن بىرى بولغان ئۇستاز تۇرسۇن ئىسلام 87 يېشىدا ۋاپات بولدى.

قىرغىزىستاندىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىمۋوللۇق ئىسمى ۋە يولباشچىسى، پېشقەدەم ئۇستاز تۇرسۇن ئىسلام كېسەللىك سەۋەبىدىن 5-ئۆكتەبىر ۋاپات بولغان. مەرھۇم بىر ئۆمۈر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولۇپ، قىرغىزىستاندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ياشنىتىش ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇش جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئالغان. مەرھۇم تۇرسۇن ئىسلام 1936-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 2022-يىلى 5-ئۆكتەبىر ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىمۇ 5-ئۆكتەبىر مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2821 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2022 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق