خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابلار كۆرگەزمە قىلىندى

7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسى ئىستانبۇلدىكى  دۇنيا تىجارەت مەركىزىدە ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار كىتابلار كۆرگەزمە قىلىندى. 

كۆرگەزمە 1-ئۆكتەبىر باشلىنىپ، 9-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، كۆرگەزمىدە  شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى مەخسۇس ئورۇن تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېر تەسىس قىلىپ، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ، قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئەرەبچە كىتابلار كۆرگەزمە قىلىنغاندىن باشقا، لاگېرنىڭ سۈرەتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى تونۇشتۇرۇلدى. 

مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەرەب ئىسلام دۇنياسى ئالاقە مەسئۇلى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرى كۆرگەزمىدە زىيارەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان كىتاب ۋە ژۇرناللارنى تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، كۆرگەزمىنىڭ ئۆنۈملۈك بولغانلىقىنى، بىر قىسىم زىيارەتچىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان يېڭى كىتابنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى سورىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆرگەزمىگە ئىسلام دۇنياسىدىكى  داڭلىق نەشرىيات ئورۇنلىرى داڭلىق كىتابلارنى كۆرگەزمە قىلغان بولۇپ، مەشھۇر ئالىملار لېكسىيە سۆزلىگەن. داڭلىق ئالىملارنىڭ كىتابلىرى ئىمزالىق سېتىلغان. ئۇندىن باشقا پەلەستىن مەسىلىسى، جەنۇبىي ئافرىقا مەسىلىسى ۋە كەشمىر مەسىلىسىگە ئوخشاش ئىسلام دۇنياسىدىكى كىرزىسلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە سۆھبەتلىرى ئېچىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2896 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2022 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق