ئۇيغۇرلار ئىستوكھولمدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت 12- ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ ئىستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يۆنەت جان تەزەل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى.

ھەيئەتنى باش ئەلچى يۆنەت جان تەزەل ئەپەندى بىلەن مۇئاۋىن ئەلچى سۇلايمان سۇھا زۇلفىقار ئەپەندى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت ئەلچىخانا مەسئۇللىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ب د ت دا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھەمدە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

سۇھا ئەپەندى سۆھبەت ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ گوللاندىيەدە چوڭ بولغانلىقىنى، ياۋروپانىڭ سىياسەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ياردەمنى ئايىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بىۋاسىتە ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاخىرىدا ھەيئەت تۈركىيە باش ئەلچىسى يۆنەت جان تەزەل ئەپەندىگە چىمەن دوپپا بىلەن تون، مۇئاۋىن ئەلچى سۇلايمان سۇھا زۇلفىخار ئەپەندىگە چىمەن دوپپا بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ لوگوسى چۈشۈرۈلۈپ توقۇلغان شارپا ھەدىيە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەنىڭ ئىستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئالمىشىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى باش ئەلچى ھاككى ئەمرە يۈنت بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا ئىستوكھولمدىكى ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ ئەنقەرەگە قايتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1628 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2022 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق