دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 30 ئۇنىۋېرسىتېت

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 30 ئۇنىۋېرسىتېت

 

بۇ يىل تايمېز ئالىي مائارىپى (Times Higher Education) 99 دۆلەتتىكى 1600 ئۇنىۋېرسىتېتنى ھەمدە 22 مىڭ ئەتراپىدا مۇتەخەسسىسنىڭ تەكشۈرۈشلىرىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى رەت تەرتىپى بويىچە ئېلان قىلغان. بىز بۇ تىزىملىكتىن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 30 ئۇنىۋېرسىتېتنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

 

 1. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (Oxford University)

 دۆلەت: ئەنگلىيە

 ئوقۇغۇچى سانى: 20835

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى: %42

 

 2. كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (California Institute of Technology)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 21574

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %34

 

 3. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (Harvard University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 21574

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %24

 

 4. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (Stanford University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 16319

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %23

 

 5. كەمبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتى (Cambridge University)

 دۆلەت: ئەنگلىيە

 ئوقۇغۇچى سانى: 19681

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %39

 

 6. ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (Massachusetts Institute of Technology)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 11459

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: 33%

 

 7. پىرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى (Princeton University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 7753

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %23

 

 8. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، بېركېلىي (University of California, Berkeley)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 40306

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %23

 

 9. يالى ئۇنىۋېرسىتېتى (Yale University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 13317

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %21

 

 10. چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى (Chicago University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 14895

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %33

 

 11. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Columbia University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 21608

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %35

 

 12. لوندون ئىمپېرىيە ئىنستىتۇتى (Imperial College London)

 دۆلەت: ئەنگلىيە

 ئوقۇغۇچى سانى: 17717

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %35

 

 13. جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى (Johns Hopkins University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 16552

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %28

 

 14. پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Pennsylvania)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 21211

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %22

 

 15. شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (ETH Zurich)

 دۆلەت: شىۋېيتسارىيە

 ئوقۇغۇچى سانى: 20428

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %41

 

 16. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (Peking University)

 دۆلەت: خىتاي

 ئوقۇغۇچى سانى: 31606

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: 19%

 

 17. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى (Tsinghua University)

 دۆلەت: خىتاي

 ئوقۇغۇچى سانى: 38221

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %13

 

 18. تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Toronto)

 دۆلەت: كانادا

 ئوقۇغۇچى سانى: 75821

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %25

 

 19. لوندون يەرشارى ئۇنىۋېرسىتېتى (London's Global Unıversıty)

 دۆلەت: ئەنگلىيە

 ئوقۇغۇچى سانى: 35760

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %57

 

 20. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، لوس ئانژېلېس (California State University, Los Angeles)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 42054

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %17

 

 21. سىنگاپور خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسىتېتى (National University of Singapore)

 دۆلەت: سىنگاپور

 ئوقۇغۇچى سانى: 31819

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %25

 

 22. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېت (Cornell University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 23600

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %25

 

 23. دۇكې ئۇنىۋېرسىتېتى (Duke University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 15785

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %22

 

 24. مىچېگان ئۇنىۋېرسىتېتى، ئان ئاربور (University of Michigan, Ann Arbor)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 44663

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %17

 

 25. غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى (Northwestern University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 18735

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %19

 

 26. نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى (New York University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 45424

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %35

 

 27. لوندون ئىقتىساد ۋە سىياسىي پەنلەر مەكتىپى (London School of Economics and Political Science)

 دۆلەت: ئەنگلىيە

 ئوقۇغۇچى سانى: 10911

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %72

 

 28. كارنىگ مېلون ئۇنىۋېرسىتېتى (Carnegie Mellon University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 14163

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %47

 

 29. ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى (Washington University)

 دۆلەت: ئامېرىكا

 ئوقۇغۇچى سانى: 52059

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %17

 

 30. ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى (The University of Edinburgh)

 دۆلەت: ئەنگلىيە

 ئوقۇغۇچى سانى: 31631

 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى: %44

 

بۇ تىزىملىكتىكى 1000 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىگە تۈركىيەدىن جەمئىي 13 ئۇنىۋېرسىتېت كىرەلىگەن. بۇلاردىن چانكايا ئۇنىۋېرسىتېتى، كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 500 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىنىڭ 500-401 قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 600-501 قاتارىغا كىرگەن. باھچەشەھەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت 800-601 ئارىلىقىدىن ئورۇن ئالغان. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى، دۈزجە ئۇنىۋېرسىتېتى، فىرات ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۆزيېغىن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالتە ئۇنىۋېرسىتېت 1000-801 ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان.

ئۇنىۋېرسىتېتلار تىزىملىكىگە ئامېرىكىدىن ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېت كىرگەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 1000 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىگە 183 ئۇنىۋېرسىتېتى كىرگەن، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 200 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىگە 57 ئۇنىۋېرسىتېتى كىرگەن.

2022-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار تىزىملىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇنىۋېرسىتېتى كىرگەن دۆلەتلەر رەت تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكىچە:

 1. ئامېرىكا، 183 ئۇنىۋېرسىتېت

 2. ياپونىيە، 118 ئۇنىۋېرسىتېت

 3. خىتاي، 100 ئۇنىۋېرسىتېت

 4. تۈركىيە، 53 ئۇنىۋېرسىتېت

 5. گېرمانىيە، 50 ئۇنىۋېرسىتېت

 6. تەيۋەن، 40 ئۇنىۋېرسىتېت

 7. فىرانسىيە، 39 ئۇنىۋېرسىتېت

 8. ئاۋسترالىيە، 37 ئۇنىۋېرسىتېت

 9. كورىيە، 36 ئۇنىۋېرسىتېت

 10. كانادا، 32 ئۇنىۋېرسىتېت

 11. گوللاندىيە، 13 ئۇنىۋېرسىتېت

 12. شىۋېتسىيە، 12 ئۇنىۋېرسىتېت

 13. ئاۋسترىيە، 12 ئۇنىۋېرسىتېت

 14. فىنلاندىيە، 10 ئۇنىۋېرسىتېت

 15. بېلگىيە، 9 ئۇنىۋېرسىتېت

 16. دانىيە، 7 ئۇنىۋېرسىتېت

 17. شىۋېيتسارىيە، 4 ئۇنىۋېرسىتېت ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

 

بۇ خەۋەر 1147 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2022 14:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق