ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى (15)

ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرى

(15)

يازدا يېپىنچا ئال، قىشتا ئوزۇق ئال.

يازنىڭ قېقى قىشتا دورا، كەمبەغەلنىڭ ئېشى چىشقا دورا.

يازنى ئىشلەپ ئۆتكۈز، قىشنى ئويناپ ئۆتكۈز.

ياشاش تەس ئەمەس، ئادەم بولۇش تەس.

ياشاش ئۈچۈن پەم كېرەك، بەخت ئۈچۈن جاپا كېرەك.

ياش تۆككۈچە، مۇشت تۈگ.

ياش چېغىڭدا تىرىشمىساڭ شىجائەتتە، ياشانغاندا قالىسەن خىجالەتتە.

ياش قوماچقا ئامراق، قېرى ئۇماچقا ئامراق.

ياشلىقتا ئالغان بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىلىقتا ئالغان بىلىم قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك.

ياشلىقتا بىلىم ئالمىغان، قېرىغاندا ھەسرەت چېكەر.

ياشلىقىڭدا بىلىم ئال، قېرىغاندا ئىشقا سال.

ياشلىقىڭدا ئوينىساڭ، قېرىغاندا يىغلايسەن.

ياشلىقىڭ پادىشاھلىقىڭ، ھەر تەرەپتىن گۈل كېلۇر؛ تاڭلا بەش كۈندىن كېيىن، سېنىڭ قېشىڭغا

 كىم كېلۇر.

ياشلىقىڭدا بولمىساڭ شىجائەتتە، ياشانغاندا قالىسەن نادامەتتە.

ياشلىقىڭدا بىلمىدىڭ بىلىم قەدرىنى، قېرىغاندا تارتىسەن ئۇنىڭ دەردىنى.

ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ، ئادەمنى تەربىيە تۈزەيدۇ.

ياغاچ يېلىم بىلەن ياخشى، ئەل بىلىم بىلەن ياخشى.

ياقا يۇرتنىڭ پەرىشتىسىدىن ئۆز يۇرتنىڭ جىنى ياخشى.

ياقسام تۇتارمۇ؟ كۆمسەم پىشارمۇ؟

ياڭاق چاققاندا دوست ئىدۇق، پادا باققاندا ئايرىلدۇق.

يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماس، ھاسىسى بار ئىتتىن قورقماس.

يالغان بىر پۇتلۇق، ھەقىقەت ئىككى پۇتلۇق.

يالغانچىدا ئىمان يوق، بېخىل ئۆيدە مېھمان يوق.

يالغانچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قەسەم بىلەن ۋەدىسى تۈگىمەس.

يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.

يالغانچىنىڭ گۇۋاھچىسى تەييار.

يالغان دوست ئېشىڭغا كېلەر، چىن دوست ئىشىڭغا كېلەر.

يالغان سۆز ساۋابقا يارىشىدۇ، زىرە بىلەن قارىمۇچ كاۋاپقا.

يالغان سۆزنىڭ قانىتى بار.

يالغان گەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلانسا، راسستقا ئايلىنىدۇ.

يالغانچىلىقنىڭ يولى مىڭ، راستچىللىقڭنىڭ يولى بىر.

يالغۇز تېرەككە جىن چاپلىشىپتۇ.

يالغۇز قالغان قوينى بۆرە يەر.

يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار.

يامان بولماق بىردەملىك، ياخشى بولماق ئۆمۈرلۈك.

يامان بىلەن گەپ تالاشقۇچە، قاغا بىلەن پوق تالاش.

ياماندىن قۇتۇلماق تەس، ياخشىغا يېتىشمەك تەس.

ياماندىن ياخشىلىق كۈتمە.

يامانغا ئاتا بولغۇچە، ياخشىغا ھاسا بول.

يامانغا رەھىم قىلىش، ياخشىغا ئۇۋال قىلىشتۇر.

يامانغا ھاجىتىڭ چۈشسە يوق دەيدۇ، ياخشىغا ھاجىتىڭ چۈشسە خوپ دەيدۇ.

ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم.

يامانغا يان تاياق بوپتۇ.

يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار.

يامان كالا يارداڭلىقتا موزايلاپتۇ.

يامان كۆزدىن يىراق بول.

يامان كىشى قىلغاننى بىلمەس.

يامان گەپ سەكسەن قامچىدىن يامان.

يامانلار ياخشىنىڭ قەدرىنى بىلمەس، ئىككى ئاقىل ئارىسىدا قىل ئۈزۈلمەس.

ياماننىڭ سۈيىنى ئىچكۈچە، كوزىسىنى چېقىۋەت.

ياماننىڭ قورسىقىدا مىڭ تۇڭگۇز قاترايدۇ.

ياماننىڭ كاساپىتى تېگىدۇ، ياخشىنىڭ شاپائىتى.

ياماننىڭ ئېشىغا ئېغىز تەگسەڭ، قىرىق يىل ئېغىز كۆيدۈرەر.

ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار.

ياماننىڭ يولدىشى بولغۇچە، ياخشىنىڭ قۇربانى بول.

ياماننى ئېشىڭغا يولاتساڭ يولات، قېشىڭغا يولاتما.

يامان ئىت چىشلەپ قاچار، يامان ئادەم ئېيتىپ قاچار.

يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر، ئەل بىلەن ئەر كۆكىرەر.

يامغۇردا يەپ يات، بوراندا دۈم يات.

يامغۇردىن قېچىپ، مۆلدۈرگە ئۇچراپتۇ.

يامغۇر ياغسا يەرنىڭ بەرىكىتى، مەرد تۇغۇلسا ئەلنىڭ بەرىكىتى.

يانتاق بوراندىن قورقار، بوران ئەسكى تامدىن.

يان توم بولسا، گەپ چوڭ بولۇر.

يانچۇق بىلەن قول ئارىلىقى مىڭ يىللىق.

يانچۇقتا بىر پۇل يوق، ئېتىم مارجانبۈۋى.

يان قوشنا  جان قوشنا.

ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.

يەتمىش كېسەلنىڭ باشلىنىشى  يەل.

يەر ئاچقاننىڭ بەختى ئېچىلار.

يەر ئالتۇن قوزۇق، غاجاپ يېسەڭ تۈگىمەس.

يەر كۆركى يېشىل، ئەر كۆركى ئەقىل.

يەرنى بىر ئالدىساڭ، يەر سېنى يۈز ئالدار.

يەرنىڭ ئاستىدىكى يىلاننىڭ كۈشىگىنىنى بىلىپتۇ.

يەرنىڭ ئەسكىسى يوق  قىغى يوق، ئەرنىڭ ئەسكىسى يوق  پۇلى يوق.

يەرنىڭ راھىتى قوغۇن، قۇۋۋىتى ئۇزۇن.

يەرنى ئوت باسقىنى  ئىگىسىنى نەس باسقىنى.

يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىس.

يەي دېسە چىشى ئاغرىپتۇ، بېرەي دېسە ئىچى.

يوپۇرماقسىز دەرخنىڭ سايىسى بولماس، دوستسىز ھاياتنىڭ لەززىتى بولماس.

يۇشۇرۇن ئۇچقۇن ئوتتىنمۇ يامان.

يوقسۇزچىلىق تاشتىن قاتتىق، قەرزدارلىق زەھەردىن ئاچچىق.

يوقسۇزلۇقتىكى دوست ئايرىلماس.

يوقسۇز مېلىنى ئەرزان ساتار.

يوققا كايىما، بارنى ئايىما.

يوق گۆشنىڭ شورپىسىغا تەلمۈرمەي، ئۆيۈڭدىكى چامغۇرنى يە.

يوقلۇق ئۆلتۈرەر، بايلىق بەزدۈرەر.

يول تاپىنىڭنىڭ ئاستىدا.

يولدا ئۇچراشقان ھەمرا  ھەمرا بولماس.

يولدىن ئازسىمۇ، يۇرتىدىن ئازماس.

يول سورىغان يولدىن ئازماس.

يول كۆرسىتىش ئۇستازدىن، ئەقىل تېپىش ئۆزۈڭدىن.

يولۋاس بالىسىنى تۇتىمەن دېسەڭ، يولۋاس ئۇگىسىغا كىر.

 

داۋامى بار

 

 

بۇ خەۋەر 1997 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2019 18:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق