«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ھەسەنە تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى بۇ يىل 9-، 10-نويابىر كۈنلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى 23 ۋە 24-ئۆكتەبىر كۈنلىرى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلدى.

خەلقئارالىق ئۈچ چوڭ تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقى ۋە شۇنداقلا باشقا بىر تۈركۈم قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى»نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن گېرمانىيەگە يېتىپ بېرىپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ بىلەن بىرلىكتە ئۈچ تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە قارشى نارازىلىق بارغانچە كۈچەيگەن بولۇپ، بەلگىلىك ئىجتىمائىي كۈچكە ئايلانغان. «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى»نىڭ مەقسىتى ئاللىبۇرۇن شەكىللەنگەن بۇ ئىجتىمائىي كۈچنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلايدىغان كۈچ ھالىتىگە كەلتۈرۈش، شۇنداقلا قانداق قىلغاندا بۇ كۈچنى چېچىلاڭغۇ ھالەتتىكى كۈچ ئەمەس، بەلكى بىرلىككە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىدىكى كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىكەن.

«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» خەلقئارالىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ساھىبخانلىقىدا ياۋروپا پارلامېنتى زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ يىغىنغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، سىياسىيونلار، قانۇنشۇناسلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئادۋوكاتلار، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، مۇنبەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ھەققىدىكى كونكرېت چارە-تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1439 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2022 18:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق