زونگۇلداك ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى

ئەھدى-ۋاپا جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن زونگۇلداك بۈلەنت ئەجەۋىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا 26-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.

يىغىلىشقا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، پىروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى تەكلىپ قىلىندى.

يىغىلىشتا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەمدە جىنايى قىلمىشلارنىڭ دائىرىسى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.

يىغىندا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى خىزمەتلىرى، نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يول ۋە ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلدى.

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار رەسىملەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئاچتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1342 قېتىم كۆرۈلدى
27/10/2022 18:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق