خىتاينىڭ «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» تەكشۈرۈلدى

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ گوللاندىيەدە قۇرۇپ چىققان ئىككى ئورۇندىكى قانۇنسىز «چەتئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىسى» نى تەكشۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 26-ئۆكتەبىر  گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئىككى ئورۇندىكى قانۇنسىز «چەتئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىسى» نى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گوللاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىككى ئورۇننىڭ تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى، مەزكۇر «چەتئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» نىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

BBC چارشەنبە كۈنى گوللاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گوللاندىيەدە كەم دېگەندە ئىككى قانۇنسىز «ئاممىۋى بىخەتەرلىك نۇقتىسى» قۇرغانلىقى ئەيىبلەنگەن. گوللاندىيە تاراتقۇلىرى خىتاي قۇرۇپ چىققان مەزكۇر «چەتئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» نىڭ ياۋروپادىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

خىتاي ئۆكتىچى ۋاڭ چىڭيۈنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋاڭ چىڭيۈ گوللاندىيەدىكى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەقىب قىلىنغان. ۋاڭ چىڭيۈنىڭ گوللاندىيە مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ «چەتئەل ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى» دىكى خادىملىرى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغان ۋە يانفون سۆھبىتى جەريانىدا، ۋاڭ چىڭيۈغا ئاتا-ئانىسىنى ئويلاپ ھەمدە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتايغا قايتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ چىڭيۈ سىستېمىلىق ھالدا خىتاي خادىملىرى تەرىپىدىن پاراكەندە قىلىنغان ھەمدە خىتايغا قايتىپ كېتىش ئۈچۈن قورقاق سېلىنغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى پىلانلىغان. بۇ قىلمىشلارغا قارىتا، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى جىنايى قىلمىشلىرىدىن تېنىۋېلىپ، گوللاندىيە تارتقۇلۇقلىرى خەۋەر قىلغان «چەتئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىسى» دىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتقان. گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۇلارنىڭ گوللاندىيەدە قىلغان ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشقا ۋەدە بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 614 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2022 17:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق