ئايفون ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي زاۋۇتىدا 300 مىڭ ئىشچى كارانتىنغا ئېلىندى

ئالما شىركىتىنىڭ يانفونلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي زاۋۇتىدا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك تەخمىنەن 300 مىڭ ئىشچى كارانتىنغا ئېلىندى.

يېڭى چاغ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ زاۋۇتلارنىڭ بىرى بولغان فۇشىكاڭ شىركىتىنىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ئەۋج ئالغان.

تەخمىنەن 300 مىڭ ئىشچى ئىشلەيدىغان بۇ زاۋۇتتا ئۆكتەبىرنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدىن باشلاپ يېپىق ھالەتتە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلانغانلىقى، زاۋۇت ئەتراپىنىڭ مېتال توساقلار بىلەن تاقالغانلىقى، ئاشخانا ۋە قەھۋەخانىلاردا تاماق يېيىش چەكلەنگەنلىكى، ئىشچىلارنىڭ زاۋۇت ئىچىدە پەقەتلا بەلگىلەنگەن يوللارنى ئىشلىتىپ ياتاقلىرىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغان ئىشچىلار ياتاقلىرىدا يالغۇز قالدۇرۇلغان بولۇپ، باشقا بىر توپ ئىشچىلارنىڭ قۇرۇلۇشى تېخى تاماملانمىغان بىر ياتاق بىناسىدا كارانتىنغا ئېلىنغان. كارانتىندىكى ئىشچىلار يېتەرلىك يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنمىگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار خىتاي تەرىپىدىن چەكلەنگەن.

فۇشىكاڭ شىركىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاز ساندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللەپ، بۇ تەدبىرنىڭ يەرلىك يۇقۇمدىن قوغداش سىياسىتىگە ئاساسەن قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە ئالما شىركىتى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، فۇشىكاڭنىڭ زاۋۇتى جايلاشقان 10 مىليون نوپۇسلۇق جىڭجۇ شەھىرىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ئۈچ بىمارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 26 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 559 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2022 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق