ئوستىن: خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن بىرىنچى نومۇرلۇق تەھدىت

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يېڭى «2022-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى» دوكلاتى خىتاينى رۇسىيەگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ تەھدىت قاتارىدا قويدى.

ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن بەشبۇرجەكلىك بىنادا قىلغان سۆزىدە: «خىتاي خەلقئارا تەرتىپنى قايتا قۇرۇش نىيىتى ۋە كۈچى بار بىردىنبىر رىقابەتچى» دېگەن.

مىنىستىر ئوستىن يەنە: «خىتايغا ئوخشىمايدىغان بىردىنبىر نەرسە، رۇسىيە ئۇزۇن مۇددەت ئامېرىكىغا سىستېمىلىق خىرىس قىلالمايدۇ. ئەمما رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزغا دەرھال ۋە جىددىي تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ » دەپ باھالىغان.

بۇ ئىستراتېگىيىلىك دوكلات پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە يادرو قوراللىرى توغرىسىدىكى باشقا ئىككى دوكلات بىلەن بىللە، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى تۆت يىلدىكى ھەربىي پىلانىنى ئەتراپلىق پىلان بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بۇ يىلقى مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى ئىتتىپاقداشلارنى ئامېرىكا مۇداپىئەسىنىڭ مۇھىم ئامىلى سۈپىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ترامپ تەرىپىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىكەن.

ئالدىنقى دوكلاتتىن بۇيان، ھەم خىتاي، ھەم رۇسىيە ئۆز قوشۇنلىرىنى ئىشلىتىشتە تېخىمۇ تاجاۋۇزچى ھالغا كەلدى. رۇسىيە 2-ئايدا ئۇكرائىنانى كەڭ كۆلەمدە ئىشغال قىلدى. خىتاي زۆرۈر تېپىلغاندا تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش تەھدىتىنى كۈچەيتتى. رۇسىيە، شىمالىي كورىيە ۋە ئىرانمۇ يادرو قوراللىرى سىنىقى ۋە تەھدىتىنى كۈچەيتتى.

بۇ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى 20 يىللىق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆتكەن يىلى بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەندىن بۇيان تەييارلانغان تۇنجى ئىستراتېگىيىلىك پىلان ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئىراقتا يەنىلا ئاز ساندىكى ئەسكەرلىرى ۋە سۈرىيىدە تەخمىنەن 1000 ئەسكىرى بار، ئەمما ۋاشىنگىتون ھازىر تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەمەس، بەلكى خىتاي قاتارلىق ئاساسلىق رەقىبلىرىنىڭ تەھدىتىگە مەركەزلەشتى.

يېڭى ئىستراتېگىيىلىك پىلان بىلەن ئامېرىكا ئاۋاز دولقۇنى، تور، سۈنئىي ئىدراك ۋە يۆنىلىشلىك ئېنېرگىيە قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى يەنىمۇ كۈچەپ تەتقىق قىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

بەشبۇرجەكلىك بىنا يەنە ئامېرىكىنىڭ يادرو كۈچىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا نۆۋەتتە نەچچە ئون يىللىق «يادرو ئۇرۇشىدىن ساقلىنىش» دېگەن پىرىنسىپ ئۆزگەرگەن يېڭى مۇھىتقا دۇچ كەلمەكتە» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، يادرو تەھدىتى پەقەت رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى يادرو چوڭ دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەركەزلەشتى. ئەمما ھازىر رۇسىيە ئۇكرائىنادا زۆرۈر تېپىلغاندا ھەرقانداق قورالنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 602 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2022 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق