ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش مۇنازىرىسى كېچىكتۈرۈلدى

ئون مىڭ ئۇيغۇرغا كانادادا پاناھلىق بېرىش مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق مۇنازىرە يىغىنىنىڭ ۋاقتى 12-ئاي قىلىپ بېكىتىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا پارلامېنتى 25-ئۆكتەبىر ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپى ھەققىدە بېلەت تاشلاپ،  0 گە قارشى 258 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىغانىدى. بۇ تەكلىپ لايىھەسى ئاۋام پالاتاسى كۆچمەنلەر كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى قوللاش ئۈچۈن تەستىقلانغان بولۇپ، دوكلاتتا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىشىكنى ئېچىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەنىدى.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى خەلقئارا تەرەققىيات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ مەسئۇل كاتىپى گارنېت گېنۇئىس ئامېرىكا ئاۋازىغا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنغان ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تەكلىپنىڭ ئىككى قىسم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىر قىسمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جەزملەشتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغانلىقىنى، يەنە بىر قىسمى ئالاھىدە كۆچمەنلەرگە ئىجرا قىلىنىدىغان تەدبىرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنتايىن چارىسىز ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوللاش ھەققىدە بەرگەن تەكلىپىنىڭ بەختكە يارىشا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى، بۇ تەكلىپتە كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئۈچىنچى دۆلەتتە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارغا كانادادا پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-ئۆكتەبىر كۈنى كانادا پارلامېنت ئەزاسى، قوشۇمچە كانادا تاشقى ئىشلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى سامىر زۇبەرى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كاناداغا قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىش تەشەببۇسى مۇنازىرە قىلىنغان.

سامىر زۇبەرى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا: «مەن تەلىپىمدە كانادانى 2024-يىلىدىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا قوبۇل قىلىشقا چاقىرغانىدىم. بۇ تەكلىپ 2021-يىلى 2-ئايدا كانادا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان باستۇرۇش قىلمشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى» دېگەن.

سامىر زۇبەرىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى ئۇنىڭ M-62 نومۇرلۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا كانادادا پاناھلىق بېرىش مەسلىسى ھەققىدە سۇنغان دوكلاتىغا ئالاقىدار تەپىسلاتلار پارلامېنتتا تۇنجى قېتىم مۇنازىرە قىلىنغان. مۇنازىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى 12-ئايدا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئارقىدىن 12-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ياكى كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا بېلەت تاشلاپ ماقۇللىنىدىكەن. ئەگەر بۇ تەكلىپ لايىھەسى يېتەرلىك ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىسە، تەكلىپ لايىھە ماقۇللانغان كۈندىن كېيىن 120 كۈن ئىچىدە مۇساپىرلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، قانداق كىشىلەرنى قوبۇل قىلىش، قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە دوكلات تەييارلاش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1169 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2022 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق