گوللاندىيە خىتايدىن قانۇنسىز «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىسى»نى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلدى

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن گوللاندىيەدە قۇرۇپ چىققان قانۇنسىز «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىسى»نى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

ب ب س نىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەركىزى ئىسپانىيەگە جايلاشقان «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى» ناملىق تەشكىلات دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاز دېگەندە 21 دۆلەتتە 50 دىن ئارتۇق «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىسى» نى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئورۇنلار ئارقىلىق خىتايغا قارشى كىشىلەرنى تەقىب قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي گوللاندىيەدە ئاز دېگەندە ئىككى ئورۇن تەسىس قىلغان بولۇپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي قۇرۇپ چىققان مەزكۇر «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» نىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۆكتىچى ئەزالار خىتايدىن مەزكۇر قانۇنسىز ئورۇنلارنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-ئۆكتەبىر كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئىككى ئورۇندىكى قانۇنسىز «چەتئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىسى» نى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گوللاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىككى ئورۇننىڭ تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى، بۇ «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» نىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۇلارنىڭ گوللاندىيەدە قىلغان ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلىپىنى «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ ئاتىغان ھەمدە بۇ مەركەزلەرنىڭ «چەتئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا تەسىس قىلىنغان مۇلازىمەت پونكىتى» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ چەتئەلدە ياشايدىغان ياكى ساياھەتكە چىققان خىتاي پۇقرالىرىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىغان.  

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 623 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2022 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق