خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ خىتاينىڭ ئىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالدى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ خىتاينىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ كەچلىك خەۋەرلىرى تورىنىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 27-ئۆكتەبىر قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا سۆز قىلغان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېي مۇخبىرلارنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

 بىر مۇخبىر تەن كېفېيدىن: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان 2023-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى» دە كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى 9-ئايدا ماقۇللىغان «2022-يىللىق تەيۋەن سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ قىسمەن مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا خىتاي تەرەپنىڭ قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى سورىغان.

تەن كېفېي مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئامېرىكا يېقىندا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تەيۋەنگە چېتىلىدىغان سىياسەت، قانۇن لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ئويدۇرۇپ چىقىپ، «تەيۋەن ئارقىلىق خىتاينى تىزگىنلەش» نى تېخىمۇ كۈچەيتتى، بولۇپمۇ بەزى ماددىلار ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەننىڭ «ئۆزىنى قوغدىشى» نى قوللاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، بۇ ئىشلار خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئىكەنلىكىنى،  ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتايغا بەرگەن سىياسىي ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ مەسىلىدە «قوش ئۆلچەم» قوللانغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا تەرەپكە بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەن كېفېي باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، بۇ ئىشلارنى خىتاي قارار قىلىشى كېرەك. بىز ئامېرىكىنى تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوت بىلەن ئويناشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز. خىتاينىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست جەزمەن مەغلۇپ قىلىنىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 754 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2022 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق