گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى بولۇپ خىتاينى زىيارەت قىلغان G7 رەھبىرى بولۇپ قالدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، شولزنىڭ 4-نويابىر لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى يەنە بۇ زىيارىتى بىلەن ئالدىنقى ھەپتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ خىتاينى زىيارەت قىلغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋېيتنام كومپارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى نىگۇيېن فۇ تروڭنىڭ 30-ئۆكتەبىردىن 2-نويابىرغىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.

شولزدىن كېيىن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ كېلەر ئاي خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر شى جىنىپڭنىڭ دىكتاتورلۇق ھاكىمىيىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن بىر پەيىتتە، خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە جىددىي تىركىشىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بارلىق ئۇچرىشىشلىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 677 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2022 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق