گېرمانىيەمۇ خىتاينىڭ «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى»نى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

گېرمانىيەمۇ خىتاينىڭ قانۇنسىز قۇرۇپ چىققان «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» نى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ چەتئەللەردە،  ئاساسلىقى ياۋروپادا قانۇنسىز قۇرغان ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» غا بولغان تەكشۈرۈشىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن. يېقىندا گوللاندىيە، ئىسپانىيە، كانادا ۋە ئېرلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «چەتئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» نى تەكشۈرۈپ تاقىۋەتكەندىن كېيىن، گېرمانىيەمۇ تەكشۈرۈش سېپىگە قوشۇلغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ 4-نويابىر خىتاينى زىيارەت قىلىش مەسىلىسى دىققەت قوزغىغان.

 بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئاساسلىقى فرانكفورتتىكى قانۇنسىز قۇرۇلغان «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» غا مەركەزلەشكەن. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە خېسسن ئىشتاتىدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە: گېرمانىيەنىڭ ساقچى ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك خادىملىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» ئېلان قىلغان دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان خىتاينىڭ گېرمانىيە قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتتە قانۇنسىز «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىلىرى» نى قۇرغانلىق مەسىلىسىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. 

مەركىزى ئىسپانىيەگە جايلاشقان «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى» ناملىق تەشكىلات دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاز دېگەندە 21 دۆلەتتە 50 دىن ئارتۇق «چەت ئەل ساقچى مۇلازىمەت نۇقتىسى» نى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئورۇنلار ئارقىلىق خىتايغا قارشى كىشىلەرنى تەقىب قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باشقا دۆلەتلەردە قانۇنسىز قۇرۇپ چىققان بۇ مەركەزلەر ئاتالمىش «دۆلەت ھالقىغان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا خىتايلارنىڭ شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى يېڭىلاش دېگەندەك مەمۇرىي ئىشلارنى بېجىرىش قالپىقى ئاستىدا چەتئەلدىكى خىتاي سىياسىتىگە قارشى پائالىيەتچىلەرنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 602 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2022 14:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق