رىشى سۇناك ئەنگلىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تاقىۋېتىشكە ۋەدە بەردى

ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تارقىتىۋېتىشكە ۋەدە بەردى.

باش ۋەزىر سۇناك سايلام جەريانىدا خىتاينى «بۇ ئەسىردىكى ئەنگلىيە ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ سۈپەتلىگەنىدى. ئۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ 30 كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«زىمىستان» ۋە «تېلېگراف گېزىتى» نىڭ خەۋەرلىرىدە، ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تالاش-تارتىشتىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنى چەكلەش مەسىلىسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تېزلىكتە تۈزۈلۈپ، رىشى سۇناكنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك ۋەدىسىگە ھۆرمەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئەنگلىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى توغرىسىدىكى يېڭى دوكلاتتا بېيجىڭنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى قوللاش تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چەت ئەلدىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى بوغۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت سىرلار ئاشكارا بولدى.

ئەنگلىيەدە خىتاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچى» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە ۋە ھېسابسىز مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىۋاتقان تەشۋىقات قورالى ئىكەنلىكى «ھېنرى جېكسون جەمئىيىتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى» تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى.

دېموكراتىيەنى قوللايدىغان ئەقىل ئامبىرى ھېنرى جېكسون جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، دوكتور ئالان مېندوزا مۇنداق دېگەن: «باش ۋەزىر ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى ۋە تالاش-تارتىش ۋە يوشۇرۇن خەتەرلىك تەشكىلاتلارنى ئەنگلىيەدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك».

بېيجىڭ ئەنگلىيەدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىغا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە 33 مىليون 426 مىڭ 300 فوندستېرلىڭلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، مەزكۇر ئىنىستىتۇتلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە سادىق بولۇشقا ۋەدە بەرگەن 250 دەك ساداقەتمەن خىتاي خىزمەتچىلىرى بىلەن تولدۇرۇپ، ئەنگلىيەدە بېيجىڭنىڭ پىلانلىرىنى ئورۇنداشنى قارار قىلغان.

دۇنيادىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر دېموكراتىك جەمئىيەتلەر بىلەن ماسلىشالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان تۈرلۈك تەتقىقاتلارغا قارىماي، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان 550 دىن ئارتۇق كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى بىلىپ يېتىشتە كېيىن قالماقتا.

2014-يىلى چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مارشال سەھلىنس تەرىپىدىن «ئىلمىي يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال» دەپ تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تاقىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان مىراس فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن «خىتاينىڭ ترويا ئېتى» دەپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، شى جىنپىڭنىڭ 2015-يىلىدىكى ئەنگلىيە زىيارىتى جەريانىدا ئەنگلىيەدە 27 مەركەز ئاچقانىدى.

2019-يىلغا قەدەر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قارمىقىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 100 مەكتەپ، سىياسەت، ئىلىم-پەن ۋە سودا مەنپەئەتىگە سىڭىپ كەتكەن 30 ئورگان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان M15 بايرىقى ئاستىدىكى «بىرلەشمە ئالدىنقى خىزمەت بۆلۈمى» نىڭ ھاۋالىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنسىت پارتىيەسىنىڭ چەت ئەلدىكى تەسىرىنى ئالاھىدە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەنگلىيەدىن مۇھىم تېخنىكىلىق تەجرىبە توپلاش ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ پائالىيەتلىرىگە پەردە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيەنى يوقىتىشقا بېغىشلانغان مەزكۇر كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئۆز چېگراسى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ قانۇنسىزلىقلارغا، خىتاينىڭ ئاكادېمىك كارىدورى ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويۇشىغا «چىدىغۇسىز» ھەرىكەت دەپ باھا بېرىلدى.

دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرى يەنە ھۆكۈمەت چوقۇم ئۆزىنى ئەنگىليەدە يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن كۇڭزى ماسكىسى تاقىۋالغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تاكتىكىسىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئويغىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە كۇڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ تەلىم تەربىيە ئورگانلىرى سۈپىتىدە ماركىلاندۇرۇلۇشتىن ئىبارەت خاتا يوللارغا كىرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

دوكلاتتا يەنە خوڭكوڭ، تەيۋەن، تىبەت قاتارلىق رايونلارغا بولغان تېررىتورىيەلىك تەلەپلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە خىتاينىڭ تەھدىتىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ بۇ نۇقتىدىن دىققەت قىلىشى، ساددىلىق بىلەن بېيجىڭغا ھەربىي جەھەتتىن نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقلارنىمۇ ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.

بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي كوممۇنسىتلىرىنىڭ ئورنىغا تەيۋەنگە ئوخشاش خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىل ۋە مەدەنىيەت پروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رىشى سۇناك ئىلگىرى مالىيە ۋەزىرى مەزگىلىدە مائارىپ قانۇن لايىھىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خىتاينىڭ «تېخنىكىلىق تاجاۋۇزچىلىقى» غا قارشى تۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ، ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى 50 مىڭ فوندستېرلىڭدىن ئارتۇق چەت ئەل مەبلىغى ھەمكارلىقىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلىغانىدى.

كۇڭزى ئىنسىتىتۇتلىرى شىۋىتسىيە قاتارلىق باشقا دۆلەتلەردە چەكلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا كۇڭزى ئىنستىتۇتىغا ئۇلارنىڭ ئىنىستىتۇتلىرىنى ئاچقان ھەر قانداق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەبلىغىنى چەكلەش ئارقىلىق قارشى تۇرغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 615 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2022 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق