تۈركىيە تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ يەرلىك ماشىنىسىنى ياساپ چىقتى

بۇ يىل 29-ئۆكتەبىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تۈركىيەنىڭ بارلىق ۋىلايەت، شەھەرلىرىدە ھەر خىل مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ دۆلەت بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ كۈن يەنە تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر ئالاھىدە كۈن بولغان بولۇپ، تۈركىيە تارىختا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ توك بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان TOGG ماركىلىق يەرلىك ماشىنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشلەپ چىقتى.

بۇ ماشىنا بۇرسا ۋىلايىتىدىكى گېملىك فابرىكىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، 29-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن چوڭ تىپتىكى مۇراسىم بىلەن ئېلان قىلىندى. بۇ مۇراسىمغا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە تۇنجى ماشىنىنى فابرىكىدىن ئۆزى ھەيدەپ چىقتى. بۇ ماشىنا ئالتە خىل رەڭدە بولۇپ، كېلەر يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك سېتىلىشقا باشلايدىكەن.

تۈركىيە ئۆزىنىڭ يەرلىك ماشىنىسىنى بۇنىڭدىن 60 يىل بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلاپ ئىش باشلىغان. ئەمما بەزى سەۋەبلەر سەۋەبىدىن ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغاچقا، فابرىكىسىنى تاقىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان. 2019-يىلى 27-دېكابىر ئەردوغان ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 2020-يىلى 18-ئىيۇل بۇ ماشىنا فابرىكىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. ئەردوغان بۇ قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمىدا بارلىق ئەھۋاللارنى يىغىنچاقلاپ: «بىزنىڭ 60 يىللىق ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، TOGG ماركىلىق مەزكۇر ماشىنىنىڭ دەسلەپكى تىپلىرىنىڭ %51 قىسمى يەرلىك ھېسابلىنىدىكەن. بۇ نىسبەت كېيىنكى يىللاردا %68.8 گە يېتىدىكەن. ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش، ماركا قاتارلىق بارلىق ھەق ۋە ھوقۇقلار تۈركىيەگە تەۋە بولىدىكەن. بۇ ماشىنىلارنىڭ نۇسخىسىنى ئىتالىيەنىڭ پىنىن فارىنا ماشىنا شىركىتى ۋە تۈركىيەلىك مۇرات گۈناك لايىھەلىگەن.

بۇ ماشىنا دەسلەپكى قەدەمدە بىر قېتىم توك قاچىلىسا 300 كىلومېتىر ۋە 500 كىلومېتىر يول ماڭىدىغان ئىككى خىل نۇسخىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. توك قاچىلاش پونكىتلىرىدا يېرىم سائەت ئىچىدە %80 توك قاچىلىنىدىكەن. ماشىنا كېچە-كۈندۈز 4G ۋە 5G تورى بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇزۇلۇپ قالسا يىراقتىكى ماشىنىنى تور ئارقىلىق مەركەزدىن رېمونت قىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن.

ماشىنىنىڭ 200 ئات كۈچىگە ئىگە ماتورلۇقى قوزغىلىپ 100 كىلومېتىرغا 7.6 سېكۇنتتا، 400 ئات كۈچىگە ئىگە ماتورلۇقى قوزغىلىپ 100 كىلومېتىرغا 4.8 سېكۇنتتا چىقىدىكەن. سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 220 كىلومېتىر ئىكەن.

ماشىنا ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى يىلى 18-17 مىڭنى ئىشلەپچىقىرىلىش پىلانلانغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردىن باشلاپ يىلىغا 150 مىڭدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 2292 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2022 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق