ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى تارايغان

خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 10-ئايدا يەنە بىر قېتىم تارايغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاينىڭ يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسەت چەكلىمىسى بولۇپ، بۇ چەكلىمە خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزگەن.

فرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 31-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى تارايغان بولۇپ، خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، سېتىۋېلىش دېرىكتورلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى بويىچە بولغاندا 10-ئايلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ 49.2 (PMI)  بولۇپ، 9-ئايدا 50.1 ئىكەن. قائىدە بويىچە ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ 50 دىن تۆۋەن بولسا، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

بىلۇمبېرگ ئاگېىنتلىقىدا راي سىناشقا قاتناشقان تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋۇخەن شەھىرىدە تارقالغان ۋىرۇس يۇقۇمىغا ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي داۋاملىق يۇقۇمنى يوقىتىش تەدبىرىنى يولغا قويغان. شۇندىن بۇيان خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمى بايقالغان ھامان دەرھال قامال قىلىپ، ھەر ھەپتىدە بىر قانچە قېتىم مەجبۇرىي سىناق قىلىش تەكشۈرۈشى قىلغان. يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا كەلگەن بارلىق ساياھەتچىلەرنى ئايرىپ كۆزەتكەن. خىتاي يولغا قويغان ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرى ئويلىمىغان يەردىن كارخانا ۋە زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىقتىسادىي پائالىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرىنى كاساتلاشتۇرۇپ، خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. خىتاينىڭ مۇلازىمەت ۋە قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئايلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ 48.7 گە چۈشۈپ قالغان. بۇ كۆرسەتكۈچ سېنتەبىر ئېيىغا قەدەر ئىجابي رايوندا 50.6 بولغان بولۇپ، بۇ خىل ئىشلەپچىرىش كۆلىمىنىڭ تارىيىپ كېتىش ئەھۋالى 4-ئايدىن بۇيانقى تۇنجى ئەھۋال ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 582 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2022 17:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق