ئايرىپ قامالغان خىتاي ئىشچىلىرى قېچىپ كەتتى

خىتاي رېجىمىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدىكى فۇشىكاڭ شىركىتى ئىشچىلىرىغا قارىتا يولغا قويغان قامالدىن قېچىپ كېتىۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقىلىشى، شەھەر ئەتراپىدا يېڭىدىن ۋىرۇس يۇقۇم ئەندىشىسى پەيدا بولغان.

تارقالغان سىنلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ جىڭجۇدىكى ئايفون زاپچاسلىرى زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ خىتايدىكى قامال قىلىش تەدبىرلىرى سەۋەبلىك قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئىشچىلار ئايفون زاۋۇتىنىڭ تېمىدىن ئاتلاپ قېچىپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، جېڭجۇنىڭ ئەتراپىدا يېڭى يۇقۇم ئەندىشىسى پەيدا بولغان بولۇپ، شەنبە كۈنى جىڭجۇنىڭ يېنىدىكى يۈجۇ، جاڭگې ۋە چىنياڭ قاتارلىق شەھەرلەردە زاۋۇتتىن قېچىپ كەتكەن ئالما شىركىتى ئىشچىلىرى يۇرتىغا قايتىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەتكە خەۋەر قىلىش تەلەپ قىلىنغان. يەرلىك دائىرىلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ساقچى ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئىشچىلارنى ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرىغا قامىغان.

ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ۋە خەۋەر قاناللىرىدا ئالما شىركىتى ئۈچۈن يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتنىڭ تەخمىنەن 300 مىڭ ئىشچىسىنىڭ ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرىغا قامال قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇندىن باشقا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى جېڭجۇ شەھىرىدە 167 نەپەر كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.

 BBC ئېلان قىلغان سىندا تەخمىنەن 10 ئىشچىنىڭ زاۋۇت ئەتراپىدىكى تام ۋە رىشاتكىلاردىن ئاتلاپ زاۋۇتتىن قېچىپ كېتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 665 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2022 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق