50 دۆلەت: خىتاي ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى جىددىي ئاشكارىلىشى كېرەك

50 دۆلەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى جىددىي ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغان 3-كومىتېتى 31-ئۆكتەبىر مۇزاكىرە يىغىنى تەشكىللىگەن. يىغىنىدا 50 دۆلەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

باياناتتا خىتايدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتىكى تەلەپلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىش، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىش ۋە يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى جىددىي ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى 50 دۆلەتكە ۋاكالىتەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنى قوللىغان دۆلەتلەر ئالبانىيە، ئاندوررا، ئاۋسترالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، بېلىز، بۇلغارىيە، چېخ، كىرودىيە، دانىيە، ئېستونىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گىۋاتېمالا، ئىسلاندىيە، ئىرېلاندىيە، ئىسرائىلىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، لاتۋىيە، لىبېرىيە، لىچتېنشتېين، لىتۋانىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، مارشال تاقىم ئاراللىرى، موناكو، ناۋرۇ، گوللاندىيە، يېڭى زېللاندىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، نورۋېگىيە، پولشا، پورتۇگالىيە، رومىنىيە، سان مارىنو قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.

مۇزاكىرە يىغىنىدا خىتاينىڭ تەرىپىنى ئالغان 66 دۆلەتكە ۋاكالىتەن كۇبانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئاقلىغان. خىتاينى ئاقلىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئېغىر بولغان دۆلەتلەر ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى نامرات دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن كونترول قىلىپ، ھەرقانداق مەسىلىدە خىتايغا قارشى ھەرىكەت ياكى ئىپادە بىلدۈرەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 713 قېتىم كۆرۈلدى
01/11/2022 17:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق