گىرېتسىيە خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىغا چۈشكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گىرېتسىيە 2011-يىلدىن باشلاپ، قەرز كىرىزىسى سەۋەبلىك دۆلەتنىڭ مۇھىم پورتلىرى ۋە ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چەتئەل شىركەتلىرىگە ساتقان. 2016-يىلى ئافېنا خىتاينىڭ COSCO گۇرۇھى بىلەن توختام ئىمزالىغان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركىتى پىراۋۇس پورتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم پېيىنى سېتىۋالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس 2021-يىلى 2-ئايدا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى 17 دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا: «خىتاينىڭ پىراۋۇسقا سالغان مەبلىغى ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ پىراۋۇس پورتىغا سالغان مەبلىغىنى ئۈلگىلىك تۈر دەپ تەسۋىرلىگەن. شى جىنپىڭ 2019-يىلى پورتنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنى قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى، شۇنداقلا ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان «مۇھىم تۈگۈن» دەپ ئاتىغان. ئەمەلىيەتتە، خىتاي بۇ پورتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۆزگەرتكەن. نۆۋەتتە بۇ پورت شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ پورت ۋە ياۋروپادىكى يەتتىنچى چوڭ پورتقا ئايلانغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي پىراۋۇستىكى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى ناچارلاشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شىركىتى پىراۋۇس پورتىغا پۇتىنى تىققاندىن بۇيان، خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ پاراخوتلىرى ماللىرىنى پورتقا چۈشۈرۈپ، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم توشۇش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى باشقا توشۇش مەركەزلىرىنىڭ مۇھىملىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پىراۋۇس پورتىنىڭ كۆپ قىسىم پېيى خىتايغا سېتىلغان بولۇپ، دەسلەپتە خىتاينىڭ پېيى % 51 بولۇپ، كېيىنچە %67 گە چىققان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ تىرانسپورت شىركىتى بۇ پورتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قارار قىلالايدىغان ھالەتكە كەلگەن. شۇنداقلا باشقا پورتلاردىمۇ خىتاينىڭ دېگىنى ھېساب بولىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. پىراۋۇس ئۇنىۋېرسىتېتى دېڭىز تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور كوستاس خلومودىسنىڭ ئېيتىشىچە گىرېتسىيەنىڭ پىراۋۇس پورتىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىشى ئېغىر خاتالىق ئىكەن. پىراۋۇس پورتى نۆۋەتتە بىۋاسىتە ئۈچىنچى تەرەپ بولغان خىتايغا بېقىنىپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 597 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2022 19:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق