ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى داۋاملىق جىددىيلەشمەكتە

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى داۋاملىق جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى B-52 تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتتە،  ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئالتە دانە B-52 تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ ئايروپىلان  B-52  تىپلىق يادرو قورالى ۋە مۇنتىزىم قوراللارنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان بولۇپ، گەرچە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 1955-يىللىرى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا 70 تىن ئارتۇق ئايروپىلان ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەش ھالىتىدە ئىكەن. B-52 تىپلىق ئايروپىلان يەنىلا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قورالى بولۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار 31- ئۆكتەبىر رويترس ئاگېنتلىقىغا B-52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىي تېررىتورىيەسىنىڭ مەركىزى دارۋېننىڭ جەنۇبىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاۋسترالىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تايندال بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيەگە B-52 ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىABC  قانىلى ئاشكارىلىغان بولۇپ، پىروگراممىدا ئامېرىكىنىڭ ھۆججەتلىرى نەقىل ئېلىنغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە مۇداپىئە توغرىسىدا زىچ ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن دۈشەنبە كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ B-52 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا، بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى رايوندا قوراللىنىش مۇسابىقىسىنى قوزغىشى مۇمكىن. ھەر قانداق دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولۇشى، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 605 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2022 19:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق