پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى دىققەت قوزغىدى

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنىڭ خىتاي زىيارىتى دىققەت قوزغىغان بولۇپ، زىيارەت داۋامىدا ئىقتىساد ۋە پاكىستاننىڭ خىتايغا بوغۇلغان قەرز مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 1-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف خىتاي زىيارىتىدە ئىقتىساد ۋە قەرز مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ تەرەققىيات ۋە ئېنېرگىيە تۈرىگە سالغان ئاساسلىق مەبلىغى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» سودا پىلانىغا سېلىنغان.

باش مىنىستىر بىلەن خىتايغا زىيارەتكە بارغان ياردەمچى ئەمەلدارنىڭ رويترس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، شاھباز شەرىفنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى شاھباز  4-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، خىتايغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، بۇ زىيارەت ئارقىلىق خىتايغا تۆلەيدىغان قەرزنى بىر ئاز يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي پاكىستانغا تەخمىنەن 23 مىليارد دوللار قەرز بەرگەن بولۇپ، شاھباز شەرىف شى جىنپىڭ ئۈچىنچى قېتىم رەئىس بولغاندىن بۇيان تۇنجى بولۇپ خىتاينى زىيارەت قىلغان چەتئەل ئەمەلدارى ئىكەن. شەرىف يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، شى جىنپىڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئالدىن پىلانلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان مۇزاكىرىلىرى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى جانلاندۇرۇشنى مەركەز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 677 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2022 19:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق