كۇۋەيت پارلامېنت ئەزاسى ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى

كۇۋەيت پارلامېنت ئەزاسى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىك تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋەلىد ئەتتابتابائىي ئەپەندى بىلەن مەجدى سالىم ئەپەندى 1-نويابىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.

مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئۆلىمالار كۈتۈۋالدى.

زىيارەتتە مېھمانلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇلغان ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2108 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2022 19:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق