ئامېرىكىدا خىتاينى سەزگۈر تېخنىكىدىن چەكلەش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئېكسپورتنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ سەزگۈر تېخنىكىغا ئېرىشىشىنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خىتايغا قارىتىلغان ئۆزەك ئېكسپورتى ۋە تېخنىكا كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكس  يەنە خىتاينىڭ سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئېكسپورت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر لايىھەدە ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنىڭ سودا مىنىستىرلىقىدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يۆتكىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 28-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جىم بانكس تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېكسپورتنى كونترول قىلىشتا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھەققىدىكى قانۇن تەكلىپىدە، سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنى مۇداپىئە تېخنىكىسى ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

بانكس باياناتىدا: «سودا مىنىستىرلىقى كومپارتىيەنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا سالغان مەبلىغىنى ئۈزەلمىدى. دۆلەت بىخەتەرلىك قارارى پەقەت پۇلنىلا كۆزلەيدىغان ئورگانلارغا تاپشۇرۇلماسلىقى، بولۇپمۇ خىتاي مەسىلىسىدە شۇنداق بولماسلىقى كېرەك» دېگەن.

بانكس ۋە باشقىلار يېڭى ئوتتۇرىغا قويغان ئېكسپورتنى كونترول قىلىشتا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش قانۇنىدا: «2018-يىللىق ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ئىسلاھاتى قانۇنى ماقۇللانغاندىن بۇيان، ئېكسپورتنى كونترول قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاساسىي تېخنىكىنىڭ خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە قارشى ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. قانۇن لايىھەسىدە يەنە 2022-يىلى 8-ئايغىچە سودا مىنىستىرلىقى باشچىلىقىدا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىنى تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەستىقلانغان. بىر قىسىم ئالاھىدە مۇھىم تېخنىكىلارنىڭ خىتايغا سېتىلىش مىقدارى ئاشتى» دېيىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 447 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2022 17:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق