ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىدىن خىتاينى چەكلەش نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىدىن خىتايغا قويۇلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورتىنى چەكلەش يېڭى نىزامىغا ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ياپونىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىدىن خىتايغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتايغا قارشى يولغا قويۇلغان كەڭ ئىنچىكە يۇقىرى ئىقتىدارلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلارغا ئېكسپورت كونترول قىلىشنى يولغا قويۇشقا چاقىرغان. ئىتتىپاقداشلارنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېخنىكلار ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۆزى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان ھۆكۈمەت ئىچىدە ماسلىشىپ ئامېرىكىنىڭ خىتاينى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە قايسى مەزمۇنلاردا ئامېرىكا بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان بولۇپ، ياپونىيە يەنە بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كورىيەنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتمەكتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى كونترول قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرىدە ئىشلەش ۋە سودا قىلىشى چەكلىنىدىكەن. خىتاينىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئامېرىكىلىق تېخنىكلار ئاللىبۇرۇن ئامېرىكىغا قايتىشقا باشلىغان. گوللاندىيەدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى بولغان ASML گۇرۇھى ئامېرىكىلىق خىزمەتچىلەردىن خىتاي خېرىدارلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بازىرىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بازار كۆلىمى 2022-يىلى 22 مىليارد دوللار دەپ قارىلىپ، تەيۋەن ۋە كورىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %22 نى ئىگىلەيدىكەن. ھازىرغا قەدەر خىتايغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ دائىرىسى تېخى بېكىتىلمىگەن. ياپونىيەدىكى نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر بۇ قائىدىنىڭ شىركەتنىڭ سودا ئىشلىرىغا بولغان تەسىرىنى تەپسىلىي باھالىماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 603 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2022 18:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق