سۇلايمان سويلۇ خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى دۇ خاڭۋېينى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى دۇ خاڭۋېي بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشتى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 3 – نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇلايمان سويلۇ دۇ خاڭۋېي ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان.

خىتاي مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى دۇ خاڭۋېيغا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىيۇ شاۋبىن، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى بۆلۈمىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پەن شى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گاۋ فېينى قاتارلىقلار ھەمراھ بولغان.

ئۇچرىشىشقا تۈركىيە تەرەپتىن مىنىستىر سۇلايمان سۇيلۇدىن باشقا مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى ۋە ج خ ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقلىرى ئەھمەت شەنگۈن ۋە رەسۇل خولئوغلى، كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ قائىدىسىز كۆچمەنلەر ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشلىرىغا قارشى تۇرۇش باش دىرېكتورى رامازان سېچىلمىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سېزەر ئىشىكتاش قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

ئۇچرىشىش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 691 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2022 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق