كانادا خىتاينىڭ ئۈچ كان شىركىتىنى مەبلىغىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە بۇيرىدى

كانادا خىتاينىڭ ئۈچ كان مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كاناداغا سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە بۇيرىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 3-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتىنىڭ كانادانىڭ مۇھىم قېزىلما بايلىق شىركىتىگە سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرىغان. كانادا ھۆكۈمىتى مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرىغان ئۈچ خىتاي شىركىتى جۇڭكۇاڭ كەم ئۇچرايدىغان مېتال شىركىتى، شېڭزې لىتىي سانائىتى خەلقئارا شىركىتى ۋە زاڭگې كانچىلىق مەبلەغ سېلىش شىركىتى ئىكەن. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرىنىڭ پاي باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن.

كانادانىڭ سانائەت مىنىستىرى فىرانكوۋا-فىلىپ شامپاگېن   2- نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي مەبلىغىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە قىلغان بۇيرىقى كانادا دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىگە قارىتا يولغا قويغان ئەستايىدىل تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا يەنە: «كانادا چەتئەلنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق قارشى ئالىدۇ، ئەمما چەتئەلنىڭ مەبلىغى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە تەھدىت سالغان ۋاقىتتا، بىز قەتئىي ھەرىكەتكە ئۆتىمىز» دېدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە كانادا ھۆكۈمىتى ئوخشاش پىكىردىكى شېرىكلەر بىلەن ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارنى داۋاملىق تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇھىم مىنېرال ماددىلىرىنى چەتئەل دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن ئالاقىدار قائىدىلەرنى ئېلان قىلغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا كانادا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەت بىلەن مۇھىم كان بايلىقىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى ھەمكارلىق ئورناتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2022 16:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق