تايلاندتا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى نامەلۇم تۇرماقتا

سەككىز يىلدىن بىرى تايلاندتا سەۋەبسىز يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى تېخىچە ئېنىقسىزلىق ھالەتتە تۇرماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 3-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باڭكوك كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى خەلق ھوقۇق فوندىنىڭ مۇدىرى چالىدا تاجارېنسۇكنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ھازىر كەم دېگەندە 50 ئۇيغۇر تايلاندتىكى ھەر خىل كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا قاماقتا ئىكەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خەلق ھوقۇق فوندى قاتارلىق بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلات تايلاند ھۆكۈمىتىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشنى ۋە ئۇلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. تايلاند ھۆكۈمىتى تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپىگە جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەمەلدارى مارزېييا كاسېمنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى 46 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن. ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت قامالغانلىقى سەۋەبىدىن روھى ۋە تەن سالامەتلىكى ناچارلاشقان. ئۇلار باشقا مىللەت مەھبۇسلىرىغا ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمايدىغان بولۇپ، ئەگەر كېسەل بولۇپ قالسا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشقا بولمايدىكەن. كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى 46 نەپەر ئۇيغۇردىن باشقا، بەش نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىپ كېتىش ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغاندىن كېيىن، بانكوكتىكى كلوڭ پرېم تۈرمىسىگە قامالغان. كۆچمەنلەر ئىدارىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. ئەمما كلوڭ پرېم تۈرمىسىدىكى كىشىلەر تۈرمىدىكى مەھبۇسلار قائىدىسىگە ئاساسەن تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھەرخىل تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنى چەكلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تايلاندنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارەت قىلىش تەلىپىگىمۇ جاۋاب قايتۇرمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 801 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2022 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق