شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى پارلامېنتقا مەكتۇپ سۇندى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 4-نويابىر كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى»نى تونۇشى ھەققىدە شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئادالەت مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ سۇنغان.

مەكتۇپتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىش ئۈچۈن ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدا داۋام قىلىۋاتقان سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلىپ زىيانكەشلىك قىلىش، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى بېرىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلاش قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، يېقىندىن بىرى خىتاي يەنە ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا خەلقنى ئۆيىگە قامال قىلىپ ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان. 

مەكتۇپتا يەنە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بۇ يىل 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن كېيىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇش تەلەپ قىلىنغان.  

ئۇندىن باشقا جەمئىيەت يەنە شىۋېتسىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇچرىشىش تەلىپى سۇنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1529 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2022 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق