«خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ھەسەنە تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئىككى كۈن داۋاملاشقان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنى 10-نويابىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

خەلقئارالىق ئۈچ چوڭ تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقى ۋە باشقا بىر تۈركۈم قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەشكىللەنگەن «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىدا 9-، 10-نويابىر ئىككى كۈن داۋام قىلدى. يىغىنغا بىر قىسىم ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار بولۇپ، 32 دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

مۇنبەردە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رافائېل گىلۈكىسمان، مىرىيام لېكىسمان قاتارلىق دىپلوماتلىرى، بىر قىسىم ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەھبىرى نۇرى تۈركەل، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى ۋە باشقا تەشكىلات رەھبەرلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى بايان قىلغاندىن باشقا، لاگېر شاھىتلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتباي، گۈلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىل ۋە ئۆمەر بېكالى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا مۇنبەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى خەلقئارالىق ئەھدىنامە نۇقتىسىدىن بولسۇن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بېكىتكەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆلچىمىگە تولۇق چۈشىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى چوقۇم «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دەپ ئاتاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ ئېيتىشىچە، مۇنبەرگە ئىشتىراك قىلغان خەلقئارالىق قانۇنشۇناس، تەتقىقاتچى مىچېل ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىن» ناملىق كىتاب يېزىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇ بۇ كىتابىدا خەلقئارا قانۇن ۋە تارىخىي ئىسپاتلارغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ يالغان تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئايرىلماس زېمىنى دەپ دەۋا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھېچقانداق تارىخىي ۋە ئىلمىي ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. يىغىن جەريانىدا بۇ نۇقتا بىر نەچچە قېتىم تەكىتلەنگەن.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا يەنە مۇنبەرنىڭ خۇلاسىسى ھەققىدە توختىلىپ، يىغىن ئاخىرىدا خىتابنامە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، خىتابنامىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 72 يىلدىن بېرى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ 2014-يىلىدىن كېيىن شى جىنپىڭ تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، زىيانكەشلىك قىلىش سۇيىقەستىنى باشلىغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش كېرەكلىكى قاتارلىق نۇقتىلارنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى، خىتابنامىنىڭ ئاخىرىدا ب د ت ۋە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان دۆلەتلەر، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە جازالاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاشقا چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1187 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2022 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق