مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ پىلان ۋە خامچوت كومىتېتىدا جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت بېكارئوغلى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى.

جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ 8-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەھمەت بېكارئوغلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىنىڭ پارلامېنتتا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئەيىبلەپ قىلغان سۆزىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ: «سىز بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى تىلغا ئالدىڭىز، ئۇيغۇرلار يوق. نېمىشقا؟ چۈنكى سىلەرنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋىتىڭلار ئىچكى جەھەتتە ئوخشاشلا مەنپەئەتكە باغلانغان. خەلقئارا مۇناسىۋەتلىرىڭلارنىڭ پىرىنسىپى، ئەخلاقى يوق. شۇڭلاشقا سىز خىتاينى بىر ئېغىزمۇ تىلغا ئالمىدىڭىز» دەپ خىتاب قىلغان. چاۋۇشئوغلى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ: «يالغان سۆزلەۋاتىسەن. ئالدىڭدىكى تېكىستكە قارا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردە يېزىلغان» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە: «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن باياناتلىرىغا قوشۇلۇپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز، ئەمما بۇ مەسىلىدە ئەپسۇسكى، ئىسلام دۇنياسىدىمۇ، تۈرك دۇنياسىدىمۇ بىرلىك يوق، تۈركىيەنىڭ خالىغىنىنى قىلالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ مانا بۇ بىرلىكنىڭ يوقلۇقىدۇر. بىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، لېكىن سىياسىي تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى بار، بۇ بىر ئاجىزلىق ئەمەس، مەن سىلەرگە رېئاللىقنى سۆزلەۋاتىمەن. لېكىن بىز يالغۇز قالساقمۇ، پەلەستىن دەۋاسىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىمۇ داۋاملىق قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 2324 قېتىم كۆرۈلدى
10/11/2022 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق