جۇمھۇرىيەت كۈنى ئىستانبۇلدا داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى

1933-ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 12-نويابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى قاتناشتى.

پائالىيەت ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن قارىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشلىرى ئوقۇلدى، شېھىتلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە ھەر يىلى ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش كۈنىنى خاتىرىلەشتىكى مەقسەتنىڭ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىققان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرغان رەھبەرلەر، مۇجاھىدلارنىڭ روھىنى ئۆرنەك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرۈش روھىنى تىكلەش ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، يېڭىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» نىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

ئارقىدىن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلىغان قىسقا فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، يەسەۋىي ئالپەرەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى كۈرشات مىجان سۆز قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى سۆزلىدى ۋە ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت ئارىسىدا قىز – ئوغۇل ئۆسمۈرلەر يالغۇز ۋە ئوپچە شەكىلدە سەھنىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز ئۈچۈن تەييارلىغان ئېسىل نومۇرلىرىنى يىغىن ئەھلىگە تەقدىم قىلدى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا شېھىت بولغانلارنىڭ مەرتىۋىسى، ئۇلار بەرگەن قۇربانلىقلار، ۋەتەنسىزلىكنىڭ ئىنسان ئۈچۈن قايسى دەرىجىدە ئېغىر بىر پاجىئە ئىكەنلىكى، خەلقىمىزنىڭ بۇ يولدا ھەردائىم ئۈمىدۋار بولۇشى، ئۇ دۆلەتنى چوقۇم قايتا قۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىش كېرەكلىكى ھەققىدە سۆز قىلدى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئاتاۋۇللا خەلپەتھاجىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە سالىھلارنىڭ پەزىلىتى ھەمدە ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بېرىلىدىغان ئەجرىنىڭ كاتتا ئىكەنلىكى، ئاللاھ تەرىپلىگەن سالىھ ئۆلچىمىگە گەپ بىلەن يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەت ئارىسىدا ئابدۇشۈكۈر ھاجىم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. 

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، خۇلاسە مەقسەتنىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش روھىنى ئويغىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مۇنقەرز بولۇشى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ھارپىسىدىكى مۇھىم ۋەقەلىكلەرنى تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتتى ھەمدە بىر دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىرلىك، ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت «تارىخىي پۇرسەتلەر قانداق يارىتىلىدۇ؟» تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەندەلۇسنى فەتھى قىلىشى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ئىچكى نىزا ۋە تەپرىقىچىلىككە پېتىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك رۇسلارغا مۇنقەرز بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگىلا ئەمەس، ئۆز مىللىتىگىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ كۈنىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ خىل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلىپ، نىشانغا يېتىش، قەدەمنى مۇستەھكەم ئېلىش ئۈچۈن قەسەم قىلىش كېرەك بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە دەۋرىمىزدە ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۆلۈنۈشنىڭ چوقۇم مەغلۇبىيەتكە ئاپىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1109 قېتىم كۆرۈلدى
13/11/2022 20:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق