ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي كونتروللۇقىدىكى شىركەتنى پېيىنى سېتىشقا بۇيرۇدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاي كونتروللۇقىدىكى شىركەتكە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا سالغان پېيىنى سېتىشقا بۇيرۇق قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 17-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتاي شىركىتىگە ئەنگلىيەنىڭ ئاساسلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ زاۋۇتىدىكى پېيىنى سېتىشقا بۇيرۇق قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەپسىلىي باھالاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گرانت شاپپس ئاخىرقى بۇيرۇقنى چىقارغانلىقىنى، ئۇ بۇيرۇقىدا نېكىسپېريانىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتتىكى پېيىنىڭ كەم دېگەندە %86 پېيىنى سېتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن بولغان يوشۇرۇن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

شارپسنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي شىركەتنى كونترول قىلىش بىلەن ئەنگلىيەنىڭ تېخنىكا ۋە بىلىم ھوقۇقىغا خەتەر يېتىدىكەن. خىتاينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماگناتى نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى گوللاندىيە شىركىتى Nexperia 2021- يىلى 7-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى Newport Wafer Fab  نى مۇۋەپپەقىيەتلىك سېتىۋالغان. لوندون تەرەپنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى لوندون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغىنى تەكشۈرۈۋاتقان مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان.

2020-يىلى لوندون خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيەدە G5 تور ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چەكلەپ خىتاينى غەزەپلەندۈرگەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان باياناتىدا ھۆكۈمەت دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پارلامېنت ئەزاسى ئالىكيا كېرنس بۇ ھەقتە: «بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىكىمىز ئىقتىسادىمىزنىڭ قەيسەرلىك بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا باغلىق، بۇ بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۈلۈكنىڭ قىسقا مۇددەتلىك تېخنىكا تەرەققىياتى نامىدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلىكتۇر» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 397 قېتىم كۆرۈلدى
18/11/2022 19:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق