فۇمىئو كىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى شى جىنپىڭنىڭ يۈزىگە سالالمىدىمۇ؟

ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن APEC ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنىدا كۆرۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى 3 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن بولدى.

ھۆررىيەت گېزىتىنىڭ 19 – نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كۆرۈشۈشتە، كىشىدا بىلەن شىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى ۋە سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى. ئۇچرىشىشتا  باش ۋەزىر كىشىدانىڭ شى جىنپىڭغا بېيجىڭنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى ياپون كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنى چۆرىدىگەن ھەربىي پائالىيەتلىرى ۋە تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

شى جىنپىڭ بولسا ھەر دائىمقىدەك، رايوندىكى ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردە ئىلگىرى بىرلىككە كەلگەن پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشىمىز ۋە ئورتاق چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك دېگەندەك گەپلەر بىلەن مەسىلىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان. 

كىشىدا يىغىن ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا: "بىز قويۇق ئالاقە ئورنىتىش ۋە رەھبەرلەر قاتلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى قاتلاملاردا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشۇلدۇق. شى جىنپىڭ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى بايان قىلىپ، ئىككى قوشنىنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى" دېگەن. 

مەلۇم بولغاندەك، فۇمىئو كىشىدا 12-نويابىر كامبودژانىڭ فنوم پېندا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا 25-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئۈچ باشلىقلار يىغىندا ئاسىيا رەھبەرلىرىگە خىتاپ قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقى ھەققىدە تاراتقۇلاردا ئۇچۇر بولماسلىقى دىققەت قوزغىدى. 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر 

بۇ خەۋەر 523 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2022 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق