خىتاي چەت ئەل ئالاقىسىنى چەكلەش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارادا ئاشكارا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاخبارات-ئۇچۇر ساھەسىدە تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن، «چېگرا سىرتىدىن كەلگەن پاراكەندىچىلىك سېلىش تېلېفونىنى تاقاش ئۇسۇلى» ناملىق جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

مەزكۇر جىددىي ئۇقتۇرۇشنى قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى 18-نويابىر تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن چەت ئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى رەت قىلىش ھەمدە خىتاي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا يوللاپ ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، چەت ئەلدىن تېلېفون كەلگەنلەردىن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 10086 نومۇرلۇق ئادەم كۈچى مۇلازىمەت مەركىزىگە تېلېفۇن قىلىپ نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ تاقىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشى، ئۈندىدار سۇپىسىغا دىققەت قىلىش ۋە ئۇنى توسۇپ قىلىش قاتارلىق سەپسەتىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا  قىلىۋاتقان سەۋەبسىز لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ  قىرغىن قىلىش، ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى» گە قامال قىلىپ، ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشىلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەت ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ياكى ئاخبارات ئورۇنلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارا بولغانلىقىنى، خىتاي شۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتە تەنقىد ۋە جازالارغا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە خەلقىمىزگە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىمۇ چەت ئەل بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلگەن خەلقىمىزنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 686 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2022 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق