خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىغا ساياھەت ۋىزىسى چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ئامېرىكا ساياھەت ۋىزىسى بېرىشنى چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ سۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بىر قانچە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى ئەڭ يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ لايىھەدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 93 مىليون ئەزاسىنىڭ ھەممىسىگە ساياھەت ۋىزىسى تارقىتىشنى چەكلەش پىلانلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو ئىشخانىسى 18-نويابىر يازما بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يەتمەكچى بولغان ئاساسىي مەقسىتى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرىش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىش ھەمدە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى، يالغان تەشۋىقات قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ چەكلەش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىجرائاتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى ئامېرىكىغا بېرىپ رەسمىي بولمىغان سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە ساياھەت قىلىش ئۈچۈن 10 يىللىق ۋىزىغا ئىلتىماس قىلالايدىكەن.

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىپلوماتىك ۋىزا، ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت خادىملىرى، زىيارەتچىلەر، شىركەت ئىچىدىكى تەڭشەش ۋە يۆتكىلىش ئىشلىرىنى بىجىرىدىغان خادىملار، دوختۇرلار ۋە مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

باياناتتا: «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى دۇنيادىكى بىردىنبىر چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش پىلانى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. كومپارتىيەنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەجبۇرىيتىنى ئۈستىگە ئالغان. خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرىنى ئامېرىكىدا دەم ئېلىش، مال سېتىۋېلىش ياكى سودا قىلىشقا يول قويۇش ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەمەس» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرى ماركو رۇبىئودىن باشقا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى كېۋىن كرامېر، رىك سكوت قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 705 قېتىم كۆرۈلدى
19/11/2022 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق