توققۇز نېفىت-تەبىئىي گاز رايونى بەش خىتاي كارخانىسىغا سېتىۋېتىلدى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى توققۇز نېفىت-تەبىئىي گاز رايونىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى بەش خىتاي كارخانىسىغا سېتىۋەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 20-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارەت قىلىش ئىدارىسى 2022-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە توققۇز نېفىت-تەبىئىي گاز رايون بۆلىكىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى بەش خىتاي شىركىتىگە 3 مىليارد 117 مىليون يۈەنگە سېتىۋەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى نېفىت-تەبىئىي گاز رايون بۆلىكىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىشتىكى مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن. بۇ سودىغا قاتناشقان شىركەتلەر ئىچىدە خىتاي كومپارتىيەسىگە تەۋە كارخانىدىن يەتتىسى، پۇقراۋى كارخانىدىن 16 سى بار ئىكەن. مەزكۇر كارخانىلار كۆپ قېتىم باھا تالىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بەش كارخانا بۇ توققۇز رايون بۆلىكىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.

مەزكۇر شىركەتلەر ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېنېرگىيە گۇرۇھى نېفىت-تەبىئىي گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شەنشى يەنچاڭ نېفىت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ رايون بۆلىكىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتالمىش «شىنجاڭ» يۈەنجوۋ نېفىت-تەبىئىي گاز چەكلىك شىركىتى، ئىچكى موڭغۇل ۋەنچۇاڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە نىڭشيا جۈلى ئۆي-زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر رايون بۆلىكىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.

بۇ قېتىم كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى سېتىپ بېرىلگەن توققۇز نېفىت-تەبىئىي گاز رايون بۆلىكىنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم ئويمانلىقى دائىرىسى ئىچىدە بولۇپ، كان زاپىسى ئىزدەش ئىستىقبالى پارلاق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي نېفىت-تەبىئىي گاز كان زاپىسىنى ئىزدەشنى كۈچەيتىش، تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت-تەبىئىي گازنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي نېفىت-تەبىئىي گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېچىش بازىسى قۇرۇپ نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپلىرىنى زورايتىش ئىكەن.

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى خىتاي ۋىرۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ئېمبارگوسى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئاپەتلەر، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت ھەمدە تەبىئىي گاز بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتمەكتە. ھەر خىل ئاپەتلەر سەۋەبلىك يۈز بەرگەن كۆمۈر ۋە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر، رۇدا، نېفىت، ھەمدە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرمەكتە .

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 711 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2022 18:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق