خىتاينىڭ ئىشىك تاقاپ قامال قىلىش قىلمىشى داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى سىم بىلەن چىگىپ ئۆيلىرىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان «ئايرىپ قاماش ئورۇنلىرى»غا مەجبۇرىي قاماپ قىيناش قىلمىشلىرى داۋام قىلماقتا. گەرچە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولغان بىر ھادىسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىدىكى قامال تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. شەرقىي تۈركىستاندا قىشنىڭ كىرىشى بىلەن باشلانغان سوغۇق كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرى قاماپ ئاچ قويغاننى ئاز دەپ، كۈندىلىك بۇيۇملارنىڭ باھاسىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈپ سېتىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىغان.

20-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان رايونلىرىدا ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئىشىكلىرى سىم چىگىپ تاقالغان ياكى ئىشىكلەرگە پېچەت چاپلاپ تاقالغان بولۇپ، پېچەتنى بۇزۇۋەتكەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىنغان .

يەنە بىر 15 سېكۇنتلۇق سىندا، خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان ئاتالمىش «پىدائىي» لار ئۆيلىرىگە قامالغان كىشىلەرنى ئاتالمىش «كۈندىلىك بويۇم يەتكۈزۈپ بېرىش» نامىدا قاقتى-سوقتى قىلغانلىقى، نورمال بازاردا ئۈچ يۈەنلىك بەرەڭگىنى بىر ھەسسە باھا قوشۇپ ساتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خەلقىمىز دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ سوئال قويغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاچ قويۇپ قىيناش، مەينەتچىلىك ۋە ئاچلىقتىن كېسەل بولغانلارنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇش قاتارلىق ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئاز دەپ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن خەلقىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قىيناشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 784 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2022 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق