خىتاي ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋەتكەنلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە

خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان لاگېر ۋە تۈرمىگە سولاش، سوتلىماي تۇتقۇن قىلىش، ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق قىرغىن قىلىش تېررور سىياسىتى داۋامىدا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە كىشىلىرى ئىز-دېرىكىنى قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەنلىكى ياكى تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قاتتىقراق قىلغانلارغا تەھدىت سالغانلىقى، يوقلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغانلارنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، 20-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر پارچە سىن شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يىلدىن بىرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

سىندا قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيە چاھارباغ يېزا ئىككىنچى كەنت ئىككىنچى مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئانا قىزىنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلىپ، شۇ يىللاردىن بىرى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان كىشىلەرنىڭ ھازىرغىچە تېپىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر سىندىكى ئانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى دائىرىلەر 18 ياشلىق قىزىنى ئاتالمىش «تېخنىك تەربىيەلەش مەركىزى» لاگېردا پىراكتىكا قىلىدۇ دېگەن باھانە بىلەن مەجبۇرىي مارالبېشىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، تۆت يىلدىن بىرى غەم-قايغۇ ئىچىدە كۈتكەن بولسىمۇ قىزىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلالمىغانلىقىنى ۋە ئاخىرى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، قىزىنىڭ ئېز -دېرىكىنى قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى، قىزىنىڭ دەردىدە كېسەلچان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئانا سىننىڭ ئاخىرىدا: بارلىق خەلقنىڭ قىزىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ مەزكۇر سىننىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1113 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2022 18:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق