خىتاينىڭ بېسىمى تەيۋەننىڭ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان تەيۋەن TSMC شىركىتى ئارىزوناغا ئەڭ ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 س ن ن تۈركنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما ۋە كۇۋالكوم قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۆزەك تېخنىكىسىنىڭ %90 ىنى ئىگىلەيدىغان بۇ شىركەت يېقىندا كۈچىيىۋاتقان خىتاي-تەيۋەن جىددىيلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى پۈتۈنلەي تەتۈر يۆنىلىشكە ئۆزگەرتكەن. 

تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى TMSC ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىسىنى ئارىزوناغا ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

يېقىنقى ئايلاردا بېيجىڭنىڭ ھەربىي بېسىمىغا دۇچ كەلگەن تەيۋەندىكى ئالما ۋە كۇۋالكوم قاتارلىق تېخنىكا كاتتىباشلىرىنى ئۆزەك بىلەن تەمىنلەيدىغان گىگانت شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى موررىس چاڭ بۇ پىلاننى تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلدى.

دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىنىڭ تەخمىنەن %90 ىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان TMSC غا خىتاينىڭ ھەسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن چاڭ، شىركەتنىڭ ئارىزونا شىتاتىدا ئەڭ ئىلغار تېخنىكا بولغان 3 نانومېتىرلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

چاڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق (APEC) رەھبەرلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرىزدېنتى كامالا ھارىس ۋە خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە ھاررىسنىڭ TMSC نىڭ ئارىزوناغا سالغان مەبلىغىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئامېرىكىدا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تەيۋەنگە سېلىشتۇرغاندا ئاز دېگەندە %55 يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپلا قالماي، ئېنىق بىلىمەن، ئەمما بۇ بىر قىسىم ئىقتىدارلارنىڭ ئامېرىكىغا كۆچۈشىنى توسىمايدۇ. بىز يۆتكىمەكچى بولغان ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق شىركەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغارراقى بولىدۇ ۋە بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

شىركەت 2020-يىلى ئارىزونادا تۇنجى ئەسلىھە قۇرۇشقا ئاز دېگەندە 12 مىليارد دوللار كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ تېخنىكا ماگناتى بۇ ئەسلىھەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشتا TSMC نىڭ 5 نانومېتىر تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ۋە 1600 دىن ئارتۇق يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسپىي خىزمەت ساھەسىنى بىۋاسىتە يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش 2024-يىلى باشلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 688 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2022 18:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق