خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك كۈچەيدى

خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سالغان ھەرىكىتى شى جىنپىڭ-بايدىن ئۇچرىشىشىدىن بىر نەچچە كۈن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى 6 يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىغا قويۇلغان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋاشىنگىتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنىڭ تۇيۇقسىز كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىلدۈرۈلۈشىچە، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئامېرىكىغا يېتىپ كېلەلەيدىكەن.

«تېلېگراف گېزىتى» نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭدىكى 6 يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھەممىسىگە JL-3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورنىتىلغان بولۇپ ، مۇساپىسى 12 مىڭ 500 كىلومېتىر ئىكەن.

ئالدىنقى نۇسخىدىكى ئوخشاش باشقۇرۇلىدىغان بومبا JL-2 نىڭ مۇساپىسى 7.2 كىلومېتىر بولۇپ، خىتاي دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئالياسكانىڭ قىسمەن جايلىرىغا بارالايتى ۋە JL-2 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىد سېلىشى ئۈچۈن، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توشۇغان سۇ ئاستى پاراخوتى ھاۋايغا يېقىن دېڭىزغا يېتىپ كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما JL-3 بولسا خىتاينىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغان.

ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سالغان خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ شى جىنىپىڭ-بايدىن ئۇچرىشىشىدىن بىر نەچچە كۈن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشى دىققەت قوزغىدى. خىتاينىڭ يېڭى ھەرىكىتىنى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ قوماندانى ئادمىرال سام پاپارو ئېلان قىلدى ۋە «بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئامېرىكىغا تەھدىد سېلىش ئۈچۈن قويۇلغان» دېدى. پاپارو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ بىرەرسىنىڭ ھاۋاي دېڭىز قىرغىقىدىن يولغا چىققان-چىقمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ باشلىقى چارلېز رىچارد كېڭەش پالاتاسىنى ئۆتكەن يىلى مارتتا JL-3 توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، بەشبۇرجەكلىك بىنا كەم دېگەندە بىر يىلدىن بۇيان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن.

گەرچە خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەھلىلچىلىرى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ نورمال دۆلەت مۇداپىئە تەرەققىياتىنى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى مۆلچەرلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 813 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2022 18:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق