خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىشى داۋاملاشماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن قاتتىق كونترول قىلىش قىلمىشلىرى خىتاي رېجىمىنىڭ ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەن خىتاي ئاققۇنلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بىر تۈركۈم خىتاي ئاققۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشقا باشلىغان.

20-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تاقاپ ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي قىيناش قىلمىشى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشكەن خىتاي ئاققۇنلىرىغا تەسىر قىلغان بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىرىغان.

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن خىتاي ئاققۇنلىرى ۋوگزال، ئاپتوبۇس بېكەتلىرى ئارقىلىق يۇرتلىرىغا كېتىشكە ئالدىرىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا ماڭىدىغان ئاساسلىق بېكەتلەرگە كىرىشتىن چەكلەنگەندىن كېيىن، خىتاي ئاققۇنلىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايغا تۇتاشتۇرىدىغان ئارايۇلتۇز چېگرا ئېغىزىغا يىغىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 3-نويابىر تۇيۇقسىز قومۇل شەھىرىگە بېرىپ، ئارا يۇلتۇز ج خ تەكشۈرۈش پونكىتى، بەيشەنچۈەن چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان مۇھىم ئېغىزلارنى تەكشۈرگەن ۋە بۇ جەرياندا يۇقۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ما شىڭرۈينىڭ چېگرا پونكىتلىرىنى تەكشۈرۈشتىكى ئەسلى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشكە تەمشەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى توسۇپ قېلىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆيلىرىگە ۋە قاتتىق سوغۇقتىمۇ ئاتالمىش «كۆزىتىش مەركەزلىرى»گە قاماش قىلمىشىنىڭ ئاققۇن خىتايلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، نۇرغۇن ساھەدە ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان خىتايلارنىڭمۇ بۇ خىل قاتتىق كونترولغا چىدىمىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋاللار شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2022 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق