قاتاردىكى مەشھۇر پۇتبول مەيدانىنى سالغان شىركەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېر ياسىغانلىقى ئاشكارىلاندى

قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينىلىدىغان پۇتبول مەيدانىنى سالغان خىتاي شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇشىدىمۇ مۇھىم خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

دوھادىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىلىدىغان لۇسايىل پۇتبول مەيدانىنى قۇرغان شىركەت خىتاي تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتى بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزى نامىدا سېلىنغان جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغۇچى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«تايمىس گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قاتار 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ مەيدانىنى قۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان شىركەتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تۈرمە قۇرۇشتا باش رولچى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشچە، خىتاي تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتى (CRCC) قاتار بىلەن ھەمكارلىشىپ، دوھادىكى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىلىدىغان لۇسايىل پۇتبول مەيدانىنى ياساشتا ھەمكارلاشقان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى» ئۈچۈن ئىشلىگەن.

دوھادىكى 80 مىڭ تاماشىبىن سىغىدىغان ئالتۇن قاچا شەكىللىك لۇسايىل پۇتبول مەيدانى سېر نورمان فوستېرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فوستېر ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان ۋە 18-دېكابىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بۇ مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەلىرى» بۇلتۇر مارتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

بارلىق جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمۇپ تۇرۇۋالغان خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ھەپتە قاتارغا ئىككى مۈشۈكئېيىق سوۋغا قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە بىرىنچى بولۇپ خىتاينىڭ سوۋغىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن خىتاينىڭ «مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيەسى»نى قوللانغانلىق، دەپ تەنقىدلەنمەكتە. تۆت ياشلىق «سۇھەيل» ۋە ئۈچ ياشلىق «تۇرايا» ئىسىملىك مۈشۈكئېيىق كەلگۈسى 15 يىل  ئىچىدە قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا تەييارلانغان يەر ئۇلارنىڭ سىچۈەندىكى تەبىئىي ماكانىغا تەقلىد قىلىنغان.

خىتاينىڭ قاتاردىكى باش ئەلچىسى جوۋ جيەن تىۋىتتېردا سىن ھەمبەھرىلەپ، خىتاي-قاتار مۇناسىۋىتىنى ماختىغان ۋە بۇ سوۋغاتنىڭ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا سىمۋول قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قوشقان تۆھپىسىنى تەكىتلەپ: «خىتاي ئېلېمېنتلىرى ئىنتايىن گەۋدىلىك. ئۇل ئەسلىھەدىن تېلېگرافقىچە ، 1500 يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوبۇسىدىن قۇياش ئېلېكتىر ئىستانسىسىغىچە، مۇسابىقە تەمىناتىدىن خاتىرە بۇيۇملارغىچە خىتايدا ئىشلەنگەن. بۇنى قاتارنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ» دەپ كۆرەڭلىگەن.
لوندون ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ساھىبخان دۆلەت 12 يىل جەريانىدا يول، مېھمانخانا، تەنتەربىيە مەيدانى ۋە پۇتبول ئەسلىھەلىرىنى ياساشتا 200 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق خىراجەت سەرپ قىلغان بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە باشقا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ سالغان مەبلىغىدىن كۆپرەك مەبلەغ سالغان. مۇسابىقىنى دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىش، رەسمىي تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە بۇ يىللىق لوڭقىنى كۆپەيتىش، مۇسابىقىنىڭ رەسمىي ماسكىسى، بايراقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى قاتارلىق بارلىق ئىشلار خىتاينىڭ قولىدا بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدىن غايەت زور كىرىمگە ئېرىشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1970 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2022 17:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق