خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە 4.2 بال يەر تەۋرىگەن.

چاڭ جىياڭ گېزىتى 22-نويابىر خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، 22-نويابىر شۇ جاي سائەت 10 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى تەۋەلىكىدە (شىمالىي كەڭلىك 36.28 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇقى 77.88 گىرادۇس) 4.2 بال يەر تەۋرىگەن.  تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 80 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرى ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى قاتارلىق تالاپەتلەر ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
22/11/2022 18:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق