خىتاي ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاش سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي رېجىمى ئەمەلدارلىرى 20-نويابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى 10-نۆۋەتلىك كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاش ھەققىدىكى سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، خىتايلاشتۇرۇشقا يۈزلىنىش سەپەرۋەرلىكىگە ئاساسەن «ئىسلام دىنىي بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈش»نى چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلىپ: «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش بويىچە دىنىي مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش، سۆزلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رېجىمى 20-قۇرۇلتاينى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا قۇرۇلتايدا ئېلان قىلىنغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئاشكارا ھالدا ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاش جىنايىتىنى خەلقئاراغا ئېلان قىلىپ: «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش بويىچە دىنىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈش، سۆزلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلاپ، ئىسلامغا قارشى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىغان.

ما شىڭرۈي يۇقىرىدا تىلغا ئالغان رەزىل سىياسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كەلگۈسىدە ئىجرا قىلماقچى بولغان تېررورلۇق سىياسەتلىرىنى 17 مەزمۇنغا يىغىنچاقلىغان بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ بارلىق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىۋاسىتە قاتناشقاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، بازارلار ۋە دېۋىزىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە مەيدانلىرىدىكى ئەمەلدارلىرى تور ئارقىلىق سىرتتىن قاتناشقان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن بېرى تېررورلۇق سىياسىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىدى ۋە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن سىرت، خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، جۈملىدىن ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. مىڭلىغان ئۆلىمالار تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئۆلتۈرۈلدى ياكى ئۇزۇن يىللىق كېسىۋېتىلدى.

كۆزەتكۈچىلەر ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قاتتىق دەپسەندە قىلىشىغا قارشى ئىسلام دۇنياسىدىن ھېچقانداق قارشىلىق كۆرمىگەن خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ بۇ خىل تېررور سىياسىتىگە چەك قويمىغان تەقدىردە، خىتاينىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 855 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2022 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق