خىتاي ئاتالمىش «كارانتىن مەركەزلىرى»نى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشىكلىرىنى سىرتتىن تاقاپ، ئۆيلىرىگە قامىغاندىن باشقا، مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «كارانتىن مەركەزلىرى»گە مەجبۇرىي قاماپ قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. گەرچە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بىر ھادىسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلىرىدىكى قامال مەركەزلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتمەكتە.

22-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆلەملەشكەن ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» نامىدىكى جازالاش مەركەزلىرىنى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان.

36 سېكۇنتلۇق مەزكۇر سىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم جايدا شەرقىي تۈركىستان بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركىزى» نامىدىكى تۇتقۇن قىلىپ سولاش ئورنى قۇرۇپ چىققانلىقى، كۆرسىتىلگەن. سىننى تارقاتقان كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئورۇندا 16 مىڭ ئېغىز كامېر بار ئىكەن.
23-نويابىر تارقالغان يەنە بىر سىندىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى»نى ئالدىراش قۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر تارقىتىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بۇ خىل قۇرۇلۇشلار كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 815 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2022 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق